تۈركىيە ئارمىيەسى پ ك ك غا ئېغىر زەربە بەردى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 28 نىشانى بىتچىت قىلىپ تاشلاندى.

تۈركىيە ئارمىيەسى پ ك ك غا ئېغىر زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، تۈنۈگۈن ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان مەتىنا، زاپ، ئاۋاشىن – باسيان، خاكۇرك، گارا ۋە قاندىل رايونلىرىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىپ، پاناھلىنىش ئورنى ۋە ئىسكىلات قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتقان جايلارنىڭ ئۇتۇقلۇق ھالدا يوقىتىپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈردى؛ باياناتتا يەنە، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملىشىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى بىلەن قوراللىق ساقچى قىسىم ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق ئوسمانىيەدە 11، دىيارباكىردا 3، شىرناقتا 4 بولۇپ جەمئىي 18 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر