تۈركىيە پاكىستاندا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، تۈنۈگۈن پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرىدە بىر سىياسىي پارتىيەنىڭ يىغىلىشى ئەسناسىدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

تۈركىيە پاكىستاندا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، پىشاۋۇر شەھىرىدىكى بىر سايلام يىغىلىشى ئەسناسىدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا كۆپ ساندا ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، يەنە كۆپ ساندا ئادەمنىڭ يارىلغانلىقىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، «مەزكۇر خائىن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيمىز، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، دوست پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە قېرىنداش پاكىستان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر