چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ S-400 گە ئالاقىدار پوزىتسىيەسىنى ناھايىتى روشەن شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، رۇسىيەدىن سېتىۋېلىنىدىغان S-400 مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ تۇنجى باتارىيەلىرىنىڭ ئالدىمىزدىكى يىلنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيەگە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ S-400 گە ئالاقىدار پوزىتسىيەسىنى ناھايىتى روشەن شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا مەتبۇئات مەنسۇپلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

رۇسىيەدىن S-400 مۇداپىئە سىستېمىلىرى سېتىۋېلىنىدىغاندىن كېيىن، پەقەت ئامېرىكىلا ئەمەس، ناتوغا ئەزا بەزى دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇ ئىشنىڭ توغرا – خاتالىقى توغرىسىدا ھەر خىل باياناتلارنى بەرگەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، «مەسىلىنىڭ تېخنىك قىسمىنى چۈشىنىمىز. مەسىلەن، S-400 مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ ناتونى ۋە ناتو سىستېمىلىرىنى، ئىتتىپاقداشلىرىنى دۈشمەن، دەپ تونۇپ – تونۇمايدىغانلىقىنى سوراشلىرى ياكى بۇنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇشى نورمال ئىش. بۇ مەسىلىدە بىزمۇ ناھايىتى سەزگۈرمىز. ئالغان چېغىمىزدىمۇ بۇنىڭغا ئالاقىدار شەرتلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بۇ بىزنىڭ جىددىي ئېھتىياجىمىز ئىدى. بۇ ئېھتىياجنى ئىتتىپاقداشلىرىمىز ئارقىلىق قاندۇرالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، رۇسىيەدىن ئالغانلىقىمىزنى، ئەڭ مۇۋاپىق باھانىمۇ رۇسىيەنىڭ قويغانلىقىنى، نەتىجىدە تۈركىيەنىڭ مۇستەقىل ۋە ئەركىن بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئۆز قارارىنى ئۆزىنىڭ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتۇق» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ، «تۈركىيە ناتودىن يىراقلىشىپ كېتەرمۇ؟» دېگەندەك ئەندىشىلەرنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، «ياق، تۈركىيە ناتودىن يىراقلاشمايدۇ. ئەگەر ناتو ئىتتىپاقداشلىرىمىز بۇ ئېھتىياجىمىزنى قامدىغان بولسا ئىدى، بىز ئۇلاردىن ئالاتتۇق، ئۇلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانىدۇق» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئالدىمىزنىڭ يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا تۇنجى تۈركۈم باتارىيەلەر كېلىدۇ. ئەمدى بۇنىڭ سوراق قىلىنىشىغا كېرەك يوق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

نۆۋەتتە ناتو ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقان بىرىنچى ئامىلنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ، ناتونىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلغۇچى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە، ناتونىڭ نۆۋەتتە بولۇپمۇ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش يولىدا مۇھىم رول ئوينىشى كېرەكلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر