تۈركىيە ئىسانپەرۋەرلىك ياردەمدە دۇنيا بويىچە بىرىنچى بولدى

تۈركىيە ئالدىنقى يىلى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم قىلغان دۆلەت بولۇپ باھالاندى.

996581
تۈركىيە ئىسانپەرۋەرلىك ياردەمدە دۇنيا بويىچە بىرىنچى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى ئىشخانىسى ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق تەرەققىيات ئۈستۈنلۈكى تەشكىلاتى دۇنيادا ھەر يىلى قىلىنىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى ھېسابلاپ چىققان بولۇپ، 2018 - يىللىق دۇنيا مىقياسى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم دوكلاتىدا، تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى يىلى 8 مىليارد 70 مىليون دوللارلىق ياردەم قىلىش بىلەن دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قىلغان دۆلەت بولغانلىقى تەكىتلەندى.

رەت بويىچە تۈركىيەدىن قالسىلا 6 مىليارد 680 مىليونلۇق ياردەم بىلەن ئامېرىكا ئىككىنچى، 2 مىليارد 990 مىليون دوللارلىق ياردەم بىلەن گېرمانىيە ئۈچىنچى، 2 مىليارد 520 مىليون دوللارلىق ياردەم بىلەن ئەنگلىيە تۆتىنچى، 2 مىليارد 240 مىليون دوللارلىق ياردەم بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى بەشىنچى بولدى.  

تۈركىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى دۆلەت ئومۇمىي كىرىمىگە سېلىشتۇرغان ئاساستا رەتكە تىزىلغىنىدا، %0.85 بىلەن بىرىنچى بولدى. ئارقىدىنلا رەتكە تىزىلغان نورۋېگىيە ۋە لىيۇكسېمبۇرگ %0.17 بىلەن ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى بولدى.  

ئامېرىكا بولسا، دۆلەت ئومۇمىي كىرىمىگە سېلىشتۇرغاندا، %0.04 بىلەن 19ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى.

تۈركىيە 2013 -، 2014ۋە 2015يىللىق خەلقئارالىق دوكلاتتىمۇ 3 يىل ئارقىمۇ ئارقىدىن دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم قىلغان ئۈچىنچى دۆلەت بولغان ۋە يېقىنقى 2 يىل بويىچە ئىككىنچى بولغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر