ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەردە ئاۋاز بېرىش داۋام قىلماقتا

24-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىسلىك ۋە پارلامېنت سايلىمىغا ساناقلىق كۈنلەر قالغان بىر ۋاقىتتا، چەت ئەللەردىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ئاۋاز تاشلاش ۋاقتىمۇ ئارقا-ئاقىدىن توشۇشقا باشلىدى.

ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەردە ئاۋاز بېرىش داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 24-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىسلىك ۋە پارلامېنت سايلىمىغا ساناقلىق كۈنلەر قالغان بىر ۋاقىتتا، چەت ئەللەردىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ئاۋاز تاشلاش ۋاقتىمۇ ئارقا-ئاقىدىن توشۇشقا باشلىدى.

بۈگۈن (18-ئىيۇن) شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، بۇلغارىيە ۋە كانادادا ئاۋاز تاشلاش ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈن. تۈنۈگۈن (17-ئىيۇن) ئامېرىكا، ئىسپانىيە، ئىتالىيە، قازاقىستان ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئاۋاز بېرىش ئاخىرلاشتى.

بۇلغارىيەدە ياشاۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرى كەچكىچە پايتەخت سوفىيە، فىلىبە ۋە بۇرگازدىكى دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىلاردا ئاۋاز تاشلىيالايدۇ.

كانادادىكى تۆت ئىشتاتتا ئاۋاز بېرىش ئىشلىرى داۋام قىلماقتا.

ئاۋاز تاشلاش گېرمانىيە، ئاۋستىرىيە، بېلگىيە، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، فىرانسىيە ۋە شىۋېيتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئەتە (19-ئىيۇن) ئاخىرلىشىدۇ. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر