تۈركىيەنىڭ «400 – س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تاللاش ئىستىراتېگىيەسى

تۈركىيەنىڭ «400 – س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تاللاش ئىستىراتېگىيەسىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى.

تۈركىيەنىڭ «400 – س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تاللاش ئىستىراتېگىيەسى

تۈركىيەنىڭ «400 – س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تاللاش ئىستىراتېگىيەسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدىن «400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرى سېتىۋېلىش توغرۇلۇق چىقارغان قارارى ھەم ئىچكى ھەم تاشقى جامائەتچىلىك ئارىسىدا كەڭ دائىرىدە تالاش – تارتىش قىلماقتا.  بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىز بۇ ھەپتىكى پىروگراممىمىزدا،  بۇ تالاش – تارتىشلارنى  چۆرىدىگەن ھالدا تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى سىستېمىسى پائالىيەتلىرى  ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھەربىي ۋە دىپلوماتىك ئىستىراتېگىيەلىرى بىلەن رايونلۇق نوپۇزىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە، ئۇزاق مەزگىلدە يەر شارى خاراكتېرلىك كۈچ بولۇش يولىدا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. تۈركىيە بۇ ئىلگىرىلەشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مىللىيلەشتۈرۈش مەقسىتىدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھەر ساھەدە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىمەكتە.

سۈرىيەدىكى قالايمىقانچىلىق ۋە توقۇنۇشلارنىڭ ئىچكى ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىشى، ئىراق ۋە سۈرىيەدە دائېش ۋە پ ك ك قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەۋجۇدىيىتى، تۈركىيەنىڭ بۇ خىل ئىزدىنىشلىرى ھەم پائالىيەتلىرىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىماقتا.

قوشنا جۇغراپىيەلەردىكى جىددىي خىرىسلار سەۋەبىدىن راكېتامىيوت – باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرى ئارقىلىق خىمىيەلىك قوراللارغا قارشى تۈركىيەمۇ تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئالمىسا زادى بولمايتتى. تۈركىيەنىڭ ھەم ئىراق ھەم سۈرىيەگە قارىتا سىياسەتلىرىنى ئالدى بىلەن مۇشۇ ئەندىشە بەلگىلىمەكتە. تۈركىيەنىڭ سۈرىيە سىياسىتىگە بەزى ئۆزگىرىشلەرنى كىرگۈزۈشى، پ ي د/ي پ گ مەسىلىسىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا كەسكىن پوزىتسىيە تۇتۇشى ۋە رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش يولىنى تاللىشىنىڭ پەردە ئارقىسىدا مۇشۇ ئەندىشە ياتىدۇ.

باراك ئوباما ھاكىمىيىتى سۈرىيە مەسىلىسىدە تۈركىيەگە قارشى پ ك ك /پ ي د /ي پ گ نى قوللىغانىدى. دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىمۇ شۇنداق پوزىتسىيە تۇتماقتا. تۈركىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش يولىنى تاللىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىدۇر.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولغان تۈركىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتى ئاستىدا بولۇشىغا قارىماي «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرى تۈركىيەگە ناتو تەرىپىدىن تولىمۇ كېچىكىپ كەلتۈرۈلدى. ئىسپانىيە سىرتىدىكى دۆلەتلەرمۇ باتارىيەلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە قايتۇرۇپ كەتتى.

بۈگۈن كۈنگە كەلگەندە پ ك ك/پ ي د/ ي پ گ نىڭ قولىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئائىت يېنىك ۋە ئېغىر تىپتىكى قورال – ياراغلار بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئائىت ھەربىي پارتلاتقۇچلار تېررورچىلار تەرىپىدىن ئىستانبۇلنىڭ مەركىزىدە پارتلىتىلدى. غەرب ئەللىرى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇل قانلىق ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا قارىتا سۈكۈت قىلدى. بۇ ئۆزگىرىشلەر تۈركىيەنى باشقا يوللار ئۈستىدە ئىزدىنىشكە مەجبۇر قىلدى.

تۈركىيەنىڭ رايونلۇق سەۋىيەدە ھاۋا مۇداپىئەسى  ئۇزۇندىن بۇيان خەۋپ ئاستىدا تۇرماقتا. تۈركىيەنىڭ يىراق مۇساپىلىق ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىسى 2000 – يىللارنىڭ باشلىرىغىچە  Nike Hercules  سىستېمىسى ئىدى. بۇ سىستېمىلار سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارغا ئىگە سىستېمىلار بولۇپ، ھازىرقى زامان تەھدىتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس ئىدى.

بۇ بوشلۇق ئىراققا قارىتىلغان بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق ھەربىي ھەرىكەتلەر ھەم سۈرىيە كىرىزىسى جەريانىدا تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىن ياردەم تەلەپ قىلىشىغا سەۋەب بولدى. گەرچە تۈركىيەگە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تەرىپىدىن «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا باتارىيەلىرى ئەۋەتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن، بۇ ھەم يېتەرلىك ئەمەس، ھەم ۋاقىتلىق چارە ئىدى.

تۈركىيە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يىراق مۇساپىلىق ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىلىرىغا ئالاقىدار يولغا قويۇۋاتقان لايىھەسى ئۈچۈن باھا تالاشتۇرۇپ ھۆددىگە بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. باھا تالاشتۇرۇپ ھۆددىگە بېرىش لايىھەسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ (Raytheon - Lockheed Martin) گۇرۇھى شىركىتى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ (Rosoboroneksport) گۇرۇھى شىركىتى، خىتاينىڭ (CPMIEC)) گۇرۇھى شىركىتى ۋە فىرانسىيە – ئىتالىيەنىڭ (EuroSAM) گۇرۇھى شىركىتى قاتناشتى.

تۈركىيەنىڭ باھا، ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش، تېخنولوگىيە ئالماشتۇرۇش ۋە پىلاننى تېز ئورۇنلاش قاتارلىق ئۆلچەملىرىگە ئالدى بىلەن خىتاي گۇرۇھى شىركىتى ئۇيغۇن كېلەتتى. ئاندىن قالسا  فىرانسىيە – ئىتالىيەنىڭ (EuroSAM) گۇرۇھى شىركىتى ئۇيغۇن كېلەتتى، ئەڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ  (Raytheon - Lockheed Martin) گۇرۇھى شىركىتى ئۇيغۇن كېلەتتى، لېكىن، بۇ شىركەت ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تېخنولوگىيە ئالماشتۇرۇش توغرۇلۇق ۋەدە بەرمىدى.

شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيە بىلەن خىتاي شىركىتى ئوتتۇرىسىدا مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى. خىتاي شىركىتى بىلەن كېلىشىم تۈزۈلۈش ئېھتىماللىقىغا قارىتا، ھەم خىتاينىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولماسلىقى، ھەم بۇ خىتاي شىركىتىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغان شىركەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى نارازىلىق بىلدۈردى. تۈركىيە بىلەن خىتاي شىركىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرىلەر نەتىجىسىدە، شەرت – شارائىت پىشىپ يېتىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، تۈركىيە خىتاي شىركىتى بىلەن ھېچقانداق كېلىشىم ھاسىل قىلمىدى ۋە باھا تالاشتۇرۇپ ھۆددىگە بېرىش لايىھەسىنى بىكار قىلدى.

رۇسىيەنىڭ تەكلىپ باھاسىنى تۆۋەنلىتىشى، تۈركىيە – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە تۈركىيەنىڭ ھالقىلىق مەسىلىلەردە غەربلىك ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قوللىشى ھەم ياردىمىگە ئېرىشەلمەسلىكى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى تۈركىيە رۇسىيەدىن «400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىش يولىنى تاللىدى.

شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بەزى دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىغا دۇچ كەلدى. بۇ نارازىلىقلار نەتىجىسىدە بەلكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى، «400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ ئۆزىنىڭ سىستېمىسىغا داخىل قىلىنىشىنى قوبۇل قىلماسلىقى مۇمكىن.

بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، تۈركىيە بۇ سىستېمىنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ سىستېمىسىدىن مۇستەقىل ھالدا پەقەت بۇ سىستېمىلار بار جاينىلا قوغدايدىغان شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇمكىن. بىراق، نۆۋەتتە تۈركىيەنىڭ بارلىق ھاۋا مۇداپىئەسى باسقۇچلىرى ۋە مۇداپىئە قۇرۇلمىسى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا داخىل بولغانلىقى ئۈچۈن، دەسلەپكى قەدەمدە بەزى مەسىلىلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

ئەگەر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تۈركىيەنىڭ بۇنداق تاللاش خاراكتېرلىك يوللار ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى ياقتۇرمىسا، ئۇنداقتا، رايوندا قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان بىر كۈچ تەڭپۇڭلۇقى قۇرۇشى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ئەندىشىلىرىنى چۈشىنىشى ۋە تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى كېرەك.

يىغىپ ئېيتقاندا، ھاۋا مۇداپىئەسىنى زەنجىرسىمان ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىلىرى ئارقىلىق قوغداشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، ھېچقانداق بىر سىستېما ئۆز ئالدىغىلا ھەم چارە بولالمايدۇ ھەم ئېھتىياجنى قامدىيالمايدۇ.

ھاۋا مۇداپىئەسىنى؛ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى، تىك ئۇچارلار، ئايروپىلانلار، چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان سنارەدلەر ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ۋە بۇلارنى باشقۇرىدىغان تەكشۈرۈپ ئۆلچەش سىستېمىلىرى بىلەن قوغداشقا توغرا كېلىدۇ.

تۈركىيەنىڭ كۈچلۈك ۋە مىللىي مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى بەرپا قىلىشى، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكى جەھەتتىن ناھايىتى مۇھىم بىر قەدەم بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر