ئىسلام دۈشمەنلىكى

ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى.

ئىسلام دۈشمەنلىكى

ئىسلام دۈشمەنلىكى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: نۆۋەتتە ئىسلام دىنى غەرب ئەللىرىنىڭ كۈنتەرتىپىدە تولىمۇ ئەپسۇسكى بىر قورقۇش ھېسسىياتى بىلەن بىرلىكتە ئورۇن ئالماقتا. 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن باشلىنىپ، تېررورلۇق ھادىسىلىرى بىلەن داۋاملاشقان ۋەقەلەر، غەرب ئەللىرىنىڭ ئۆزلىرىنى مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ۋە ئايىغى چىقماس بىر تەھدىت ئاستىدا تۇرۇۋاتقاندەكلا ھېس قىلىشىغا سەۋەب بولدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىز بۇ ھەپتىكى پىروگراممىمىزدا،  بۇ ئۆزگىرىشلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە تۈركىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى پوزىتسىيەسى  ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

«ئىسلام دۈشمەنلىكى» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان «ئىسلامفوبى» ئىبارىسىدىكى «فوبى» گىرېكچە « phobos» كەلىمىسىدىن كەلگەن بولۇپ، « phobos » يۇنان ئەپسانىلىرىدە «قورقۇش تەڭرىسى» دەپ بىلىنىدۇ.  «فوبى» ھازىرقى كۈندە، «بىراۋنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر نەرسىدىن قورقۇشى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

«ئىسلامفوبى» ئەڭ ئاددىي ئاتالغۇسى بىلەن «ئىسلامدىن قورقۇش» تەرىقىسىدە بايان قىلىنىدۇ. ئىسلامدىن ۋە مۇسۇلمانلاردىن قورقۇش – ئەيمىنىش ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدىغان ئىسلامفوبىنىڭ، ناھايىتى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئاتالغۇ بولۇشىغا قارىماي، ھەممە بىردەك قوبۇل قىلىدىغان بىر ئاتالغۇ ئەمەسلىكىمۇ ھەممىگە بەش قولدەك ئايان.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاساسلىق ھەق – ھوقۇقلار ئورگىنى ئىسلامفوبىنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ: «2001 – يىلى 11 – سېنتەبىردە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەردىن كېيىن تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش دائىرىسىدە ئەرەبلەر، يەھۇدىيلار، مۇسۇلمانلار، بەزى كۆچمەن گۇرۇپپىلار، مۇساپىرلار، پاناھلىق تىلىگۈچىلەر، بەزى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مەنسۇپ كىشىلەر؛ مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، تۇرالغۇ، دۆلەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەش، ئاممىۋى خىزمەتلەر ۋە پائالىيەت سەپەرۋەرلىكى قاتارلىق ساھەلەردە ئىرقىي ئايرىمچىلىققا دۇچ كەلمەكتە. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىسلامفوبى ئىسلام دۇنياسىغا مەنسۇپ شەخسلەر دۇچ كېلىۋاتقان چەتكە قېقىلىش مۇئامىلىسىگە بېرىلگەن ئومۇمىي ئىسىمدۇر.»

ئىسلام يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غەرب دۇنياسىنىڭ كۈنتەرتىپىدىن قورقۇش ھېس – تۇيغۇسى بىلەن بىرلىكتە ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە. 11 – سېنتەبىر ۋەقەسى بىلەن باشلىنىپ، ئايرىم تېررورلۇق ھادىسىلىرى بىلەن داۋاملىشىۋاتقان بىرقاتار زەنجىرسىمان ۋەقەلەر بار. بۇ ئەھۋال؛ غەرب ئەللىرىنىڭ ئۆزلىرىنى تەھدىت ئاستىدا تۇرۇۋاتقاندەكلا ھېس قىلىشلىرىغا سەۋەب بولماقتا. دائىم دېگۈدەك يۈز بېرىپ تۇرىدىغان سەلبىي ۋەقەلەردىن كېيىن ئىسلامنى گويا تېررورىزمنىڭ مەنبەسىدەك قىلىپ كۆرسىتىۋاتقان خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرىمۇ ئىسلامدىن قورقۇش كەيپىياتىنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋەتمەكتە.

غەرب ئەللىرىدىكى بەزى جەمئىيەتلەرنى ئىسلامغا قارشى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش مەسىلىسىدە بىردىنبىر جاۋابكارلىق پەقەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغىلا ئائىت ئەمەس، ئەلۋەتتە.

2000 – يىللاردىن بۇيان ياۋروپادا ئاشقۇن ئوڭچىل سىياسىي كۈچلەر بارغانسېرى زورايماقتا. بۇ كۈچلەر پارتىيەلىشىپ، مىللىي مەجلىسلەردىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى. فىرانسىيەدىكى مىللىي ئالدىنقى سەپ ھەرىكىتى، گىرېتسىيەدىكى ئالتۇن شەپەق ھەرىكىتى، گوللاندىيەدىكى ئەركىنلىك پارتىيەسى، ئاۋىستىرىيەدىكى ئەركىنلىك پارتىيەسى قاتارلىق سىياسىي پارتىيەلەر، ئۆز دۆلەتلىرىدىكى چەت ئەللىكلەر ۋە كۆچمەنلەرگە قارشى سەلبىي پوزىتسىيە تۇتۇش مېتودىنى باشلاتتى، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

ياۋروپادىكى مۇسۇلمان جەمئىيەتلەرگە قارشى سەلبىي پوزىتسىيە تۇتۇلۇشىغا قارىتا دەسلەپكى مىسال سۈپىتىدە گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان تۈركلەرنى كەلتۈرۈش مۇمكىن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان ۋە ئۆلۈملەر بىلەن نەتىجىلىنىۋاتقان ئوت قويۇپ بېرىش ھادىسىلىرىنى بۇ دائىرىدە خاتىرىلەيمىز.  

بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ گېرمانىيە بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقىنىمۇ ناھايىتى ئوبدان بىلىمىز. ۋەقەلەر ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا جامەلەر، مەدەنىيەت مەركەزلىرى ۋە سودا سارايلىرىغىچە سوزۇلىدىغان بىر «ۋەھشىيلەرچە جىنايەت» كە ئايلىنىشقا باشلىدى.

ھۇجۇملارنىڭ قورقۇنۇچلۇق تەرىپى بولسا، تەشكىللىك جىنايەتلەرگە ئايلىنىپ كەتكەن بۇنداق مۇسۇلمانلاردىن نەپرەتلىنىش ھەرىكەتلىرىنىڭ بارغانسېرى خەلق، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە سىياسىيونلارنىڭ بىر قىسمى تەرىپىدىنمۇ مەخپىي ھالەتتە قوبۇل قىلىنىشى بولدى.

ياۋروپادىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ، خەلقلەرنىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى ھەرىكەتلەرگە سۈكۈت قىلىشى، ئىچكى - تاشقى سىياسىي ئەندىشىلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئەلۋەتتە. ئەسەبىيلىك ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 2001 – يىلى روناق تېپىشقا باشلىدى ۋە كېيىنچە چارلىئې ھېبدو ھۇجۇملىرى بىلەن ھەممە ياقنى قاپلاپ كەتتى.

ياۋروپا دۆلەتلىرى ئەرەب باھارىدىن بۇيان ئوتتۇرا شەرق رايونىغا قارىتا يولغا قويۇۋاتقان ئەنە شۇنداق سىياسەتلىرىدىن ئۆز خەلقلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى نىشان قىلىدۇ. 2011 – يىلى تۇنىستا باشلانغان خەلق ھەرىكەتلىرىدە ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پوزىتسىيەسى ئىستىلىستىكىلىق ئاساس جەھەتتىن ئەركىنلىكچى ئىدى. شۇنداقتىمۇ، ئىلگىرىكى ھۆكۈمدارلارنىڭ ئورنىغا ئالماشقان ھۆكۈمدارلارنىڭ ئېتىقادى چىڭ مۇسۇلمان بولۇپ بولماسلىقى غەرب ئۈچۈن مۇھىم بىر ئۆلچەم بولۇپ قالدى.

ئەننەھدە ھەرىكىتى، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ۋە سۈرىيەدىكى ئىلمىي گۇرۇپپىلارنى تېررورىزم ئاتالغۇسى بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مايىللىقى بۇنىڭغا ياخشى مىسال بولالايدۇ.

دەل بۇ نۇقتىدا، تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ئويناشقا باشلىغان ئىجابي رولىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى ھەرگىزمۇ ئىسلام دۈشمەنلىكى سىياسەتلىرىگە ئوخشىمايدۇ.

تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرققە قارىتا يولغا قويۇۋاتقان ياراشتۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئاساس قىلىدىغان سىياسىتى، غەرب بىلەن تۈركىيەنىڭ رايونغا قارىتا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەلىرىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە پەرقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە غەرب ئەللىرىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمان  جەمئىيەتلەرنى غەرب بىلەن پۈتۈنلەشتۈرۈش ۋە ئىسلام ئەللىرىدە دېموكراتىيەنى تېخىمۇ كەڭ قانات يايدۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى قىزغىن قوللىماقتا. بىراق، تولىمۇ ئەپسۇسكى، غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ كۆپ قىسمى تۈركىيەنىڭ بۇنداق ئىجابىي پوزىتسىيەسىنى ئۆز ئەينى بويىچە ئەكس ئەتتۈرمەيۋاتىدۇ.

ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئېغىر دەرىجىدىكى پىسخولوگىيەلىك ئاتمېسفورا سەۋەبىدىن تۈركىيە كۆپ تەڭپۇڭلۇق بىر ساھەدە ئۆز ئالدىغا دىپلوماتىك سىياسەتلەرنى يولغا قويماقتا ۋە بۇنىڭ بارلىق مەسئۇلىيەتلىرىنى زىممىسىگە يۈكلىمەكتە.

تۈركىيە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئىنسانىي مەسىلىلەرنى مۇھىم چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق ھەل قىلماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن، ئوتتۇرا شەرقنىڭ دېموكراتىكلىشىش كۈرىشىدە توغرا نۇقتىدا تۇرماقتا. بىراق، تۈركىيە بۇ  كۈرەشتە غەرب ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ يېتەرلىك قوللىشىغا ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ.

كۈندىلىك سىياسىي ئەندىشىلەر سەۋەبىدىن، يەر شارى خاراكتېرلىك مەدەنىيەت كىرىزىسىنىڭ نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىلىشى، تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتە يولغا قويۇۋاتقان ۋە ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان مۆتىدىل ھەم ئىنسانىي دىپلوماتىيەسىنىڭ ساداسىنىڭ جاراڭلىق ياڭرىشىغا توسالغۇ تەشكىل قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر