ئەردوغان فەتھۇللاھچىلارغا قارشى كۈرەشنىڭ سەزگۈرلۈك بىلەن داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىغا قارشى كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

979749
ئەردوغان فەتھۇللاھچىلارغا قارشى كۈرەشنىڭ سەزگۈرلۈك بىلەن داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇل جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى مەنسۇپلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىپتار قىلدى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسى بىلەن ئالاقىسى ۋە چېتىشلىقى بولغان، مەخپىي ئالاقىلىشىش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەتكەن، تەشكىلات مەنپەئەتى ئۈچۈن ھوقۇقىنى سۇيىئېستىمال قىلغان كىشىلەرنىڭ سەزگۈرلۈك بىلەن ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ساقچى ئىدارىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۈزۈپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، «بۇ مۇساپىدە قانۇن ۋە ئادالەتتىن يىراقلىشىپ كەتمەسلىككە ئەھمىيەت بەردۇق. ئەگەر خاتالىق سادىر قىلىنغان بولسا، بۇلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا تىرىشتۇق. بىلىپ ۋە خالاپ تۇرۇپ ھېچكىمنىڭ زىيان تارتىشىغا كۆز يۇممىغانلىقىمىزغا ئىشىنىشىڭلارنى سورايمەن. ئېنىق ئېيتىمەنكى، دۇنيادا ناھايىتى ئاز دۆلەت، دۆلەتنىڭ تومۇر – تومۇرلىرىغىچە سىڭىپ كىرگەن بۇنداق مەلئۇن بىر قۇرۇلمىغا قارشى بىزدەك ئادىل ۋە ئۇتۇقلۇق كۈرەش ئېلىپ بارالىشى مۇمكىن. دۇنيادا ناھايىتى ئاز خەلق، بۇنداق ئېغىر بىر پاجىئەنى بىزنىڭ مىللىتىمىزگە ئوخشاش دادىللىق بىلەن بىر تەرەپ قىلالىشى مۇمكىن» دېدى.

ئەردوغان، شېھىتلەرنىڭ قانلىرىنىڭ يەردە قالماسلىقى ئۈچۈن، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىغا قارشى كۈرەشنىڭ سەزگۈرلۈك بىلەن داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر