مەنبىچ ھەققىدە يېڭى بايانات

ئەنقەرەدە چاقىرىلغان سۈرىيە تېمىلىق يىغىندا، تۈركىيە – ئامېرىكا خىزمەت گۇرۇپپىسى يول خەرىتىسىنىڭ نۇقتىلىق يونىلىشلىرى بەلگىلەپ چىقىلدى.

979377
مەنبىچ ھەققىدە يېڭى بايانات

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، سۈرىيە تېمىلىق تۈركىيە ئامېرىكا خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ سۈرىيە ۋە ھەر ئىككى تەرەپكە مۇناسىۋەتلىك باشقا ھەمكارلىق تېمىلىرىدىكى مۇزاكىرىلەرنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە تۈنۈگۈن ئەنقەرەدە يىغىن چاقىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «ھەر قايسى تەرەپلەر مەنبىچتە بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورنىتىلىدىغان ھەمكارلىق يول خەرىتىسىنىڭ نۇقتىلىق يۆنىلىشلىرىنى بەلگىلەپ چىقتى» دېيىلدى.  

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپىيوننىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تەۋسىيەلىرىگە قاراپ چىقىش ئۈچۈن 4 - ئىيۇندا قايتىدىن بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر