ئەردوغان: تۇنجى قىبلىمىزنى ئىشغالىيەتتىن ئوزۇقلىنىۋاتقان دۆلەتنىڭ ئىنسابىغا قەتئىي تاشلاپ قويمايمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پەلەستىنگە خەلقئارا تىنچلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنى ئەۋەتىش، پەلەستىنلىكلەرنى خەلقئارالىق قوغداش ئاستىغا ئېلىش، ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەرنى جىددىي سۈرۈشتە قىلىش چاقىرىقى ئېلان قىلدى.

976167
ئەردوغان: تۇنجى قىبلىمىزنى ئىشغالىيەتتىن ئوزۇقلىنىۋاتقان دۆلەتنىڭ ئىنسابىغا قەتئىي تاشلاپ قويمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئونلىغان يىللاردىن بېرى قان، كۆز يېشى ۋە ئىشغالىيەتتىن ئوزۇقلىنىپ كېلىۋاتقان بىر دۆلەت (ئىسرائىلىيە) نىڭ ئىنسابىغا قۇددۇسنى تاشلاپ قويمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس قۇشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي ئىشخانىسىدا ئەنئەنىۋى شەكىلدە ھەر قايسى دۆلەت باش ئەلچىلىرىگە بېرىلگەن ئىپتار زىياپىتىدە سۆز قىلدى.

ئەردوغان سۆزىدە، ئامېرىكنىڭ 14مايدا قۇددۇستا ئەلچىخانا ئېچىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن غەززە چېگراسىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن پەلەستىنلىكلەردىن 60 كىشىنى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ شېھىت قىلغانلىقى ۋە 3 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلغانلىقى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ: «ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى تېررورچى دەپ تۆھمەت قىلىۋاتقان پەلەستىنلىك شېھىتلەر ئارىسىدا، 8 ئايلىق بوۋاقلار، ئاياللار، ئۆسمۈرلەر ۋە مېيىپلارمۇ بار ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم تاشلىغان كۈشكۈرتۈش خاراكتېرلىق قەدىمى ئارقىلىق ئىسرائىلىيەنىڭ قەتلىئامىغا شېرىك بولدى. شۇنى ئوچۇق ئېيتىپ قويايكى، ئامېرىكىنىڭ قولى پەلەستىنلىكلەرنىڭ قېنىغا مېلەندى» دېدى.

ئەردوغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنكلەر ۋە تىنچلىق جەھەتتە قىلىدىغان سۆزلىرىنىڭ ھېچقانداق قىممىتى قالمىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيەنىڭ ئىسلام ھەمكارلىقى تەشكىلاتى نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەم ئامېرىكىنىڭ قارارىغا قارشى، ھەم ئىسرائىلىيەنىڭ قەتلىئام جىنايىتىگە قارشى ئىنكاسىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، يارىدار بولغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن جىددىي خىزمەتلەرنى باشلىغانلىقىنى، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان پەلەستىنلىكلەرگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن نەق مەيداندا ياردەم قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىنسانپەرۋرەلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئەردوغان 18ماي جۈمە كۈنى ئىستانبۇلدا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى پەۋقۇلئاددە جىددىي يىغىن چاقىرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا قوبۇل قىلىنغان خىتابنامە ئارقىلىق خەلقئارا تىنچلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنى پەلەستىنگە ئەۋەتىش، پەلەستىنلىكلەرنى خەلقئارالىق قوغداش ئاستىغا ئېلىش، ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەرنى جىددىي سۈرۈشتە قىلىش، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشى قاتارلىق چاقىرىقلاردا بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېلان قىلغان دۆلەتلەرگە قارشى يولغا قويۇشقا تېگىشلىك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

مۇسۇلمانلارنىڭ قۇددۇس شەرىپ ئۈستىدىكى ھەق ھوقۇقىدىن ۋاز كەچمەسلىكتە قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «ئونلىغان يىللاردىن بېرى قان، كۆز يېشى ۋە ئىشغالىيەتتىن ئوزۇقلىنىپ كېلىۋاتقان بىر دۆلەت (ئىسرائىلىيە) نىڭ ئىنسابىغا تۇنجى قىبلىمىزنى قەتئىي تاشلاپ قويمايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر