ئەردوغان: بەزى دۆلەتلەر قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيەدىن ۋاز كېچىشى كېرەك

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بەزى دۆلەتلەرنىڭ تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشكە قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيە تۇتۇشتىن ۋاز كېچىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

976274
ئەردوغان: بەزى دۆلەتلەر قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيەدىن ۋاز كېچىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەھبىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ باش مەركىزىدە بېرىلگەن ئەنئەنىۋى باش ئەلچىلەر ئىپتار زىياپىتىدە قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئىزچىل كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،  بەزى دۆلەتلەرنىڭ تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشكە قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيە تۇتۇشتىن ۋاز كېچىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە ئۇنىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د/ي پ گ، دائېش ۋە ئەلقائىدە  ھەمدە ئەڭ مۇھىمى يېڭى ئەۋلاد شالغۇت تېررورلۇق تەشكىلاتى بولغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئىزچىل  كۈرەش قىلىۋاتىمىز. بىراق، بەزى دۆلەتلەرنىڭ تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش مەسىلىسىگە قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقانلىقىنىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا ئېيتىشقا مەجبۇرمەن. ئەڭ ياخشىسى، بۇ دۆلەتلەر  تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشكە قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيە تۇتۇشتىن ۋاز كېچىشلىرى لازىم.»

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا كەلگەندە گۆركىرەپ ئاۋازى چىقىدىغان بەزى كۈچلەرنىڭ، پ ك ك ۋە ئۇنىڭ گۇماشتىلىرى بىلەن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا كەلگەندە سۈكۈت قىلىدىغانلىقى ۋە جىمىپ كېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ھەتتا بەزى دۆلەتلەرنىڭ پ ي د/ي پ گ مەسىلىسىدە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەلىرى بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ خەلققە تېخىمۇ كۆپ زۇلۇم سېلىشى ۋە بېسىم ئىشلىتىشىنى قوللاش پوزىتسىيەلىرىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ لاتىلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان غەرب ئەللىرىدە ئەركىن – ئازادە ھالدا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ،  ئوخشاشلا باش تېررورچىنىڭ رەسىمىشى چۈشۈرۈلگەن لاتىلارمۇ چەكلىمىسىز ھالدا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ، تېررورلۇق تەشكىلاتى بېسىم ئىشلىتىش ۋە تەھدىت سېلىش ئارقىلىق پۇل يىغىش قىلىۋاتىدۇ. تېررورچىلار غەرب دۆلەتلەرنىڭ پايتەختلىرىدىكى ئەڭ ئاۋات مەركىزىي مەيدانلاردا ئەركىن – ئازادە ھالدا   تېررورلۇق تەشۋىقاتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇنداق ئىشلار فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرى ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە.»

ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ قوللىرى مەسۇم كىشىلەرنىڭ قېنى بىلەن بويالغان قاتىللار ئۈچۈن ئادالەتتىن قېچىپ پاناھلىنىدىغان بىخەتەر پورتلارغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى قەيت قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مۇنداق دېدى: «ھېچكىم ئەيىبكە بۇيرۇمىسۇن، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى  كۈرەشتە بۇنداق ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلغاندا، ھېچقانچە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ. ئالدى بىلەن، تېررورچىغا تېررورچى دېيىش، ئاندىن تېررورچىلاغا قارشى بىرلىكتە  كۈرەش قىلىش شەرت. بۇنداق ۋەھىمىلىك مەنزىرە ئالدىدا، تۈركىيە ئۆز ئىستىقبالىغا خىرىس قىلىۋاتقان تەھدىتلەرنى ئۈزۈل - كېسىل بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئۆزىگە خاس تەدبىرلەرنى ئالماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر