ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى «‹ New York Times› گېزىتى» گە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى، قوشۇمچە باش مۇزاكىرىچى ئۆمەر چەلىك «‹ New York Times› گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، پەلەسىتنلىك نامايىشچىلار ھەققىدە ئىشلىتىلگەن ئىپادىلەرگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى «‹ New York Times› گېزىتى» گە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چەلىك، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «‹ New York Times› گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، «كۆپ ساندا پەلەسىتنلىك ئۆلدى» دېيىلگەن. بۇ ھەقىقەتەنمۇ نىجىس بىر تىل بولۇپ، ھەقىقەتنى يوشۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق تىل ئىشلىتىلگەن. توغرىسى مۇنداق: «كۆپ ساندا پەلەسىتنلىك ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قەستەن ئۆلتۈرۈلدى.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىلگىرى چىقارغان قارارىغا ئاساسەن، تېل ئاۋىۋدىكى ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىنى ئالدىنقى كۈنى قۇددۇسقا يۆتكىشى رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قۇددۇستا باش ئەلچىخانا ئېچىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن قامال ئاستىدىكى غەززە چېگراسىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا قاتناشقان پەلەسىتنلىكلەردىن 62 سىنى شېھىت قىلدى، 2 مىڭ 770 تىن كۆپرەكىنى يارىلاندۇردى. ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ھۇجۇمىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈگەن تۈركىيە، شېھىت پەلەسىتنلىكلەر ئۈچۈن 3 كۈنلۈك مەملىكەتلىك ماتەم ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر