خەلقئارا قانۇن نۇقتىئىينەزىرىدىن 1915 – يىلقى ۋەقەلەرگە نەزەر

ھەر يىلى ئاپرېل ئېيىدا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە 1915 – يىلى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى تېرروتېرىيەسى ئىچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرۇلۇق دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا تۈرلۈك باياناتلار ئېلان قىلىنىدۇ.

خەلقئارا قانۇن نۇقتىئىينەزىرىدىن 1915 – يىلقى ۋەقەلەرگە نەزەر

خەلقئارا قانۇن نۇقتىئىينەزىدىن 1915 – يىلقى ۋەقەلەرگە نەزەر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر يىلى ئاپرېل ئېيىدا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە 1915 – يىلى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى تېرروتېرىيەسى ئىچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرۇلۇق دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا تۈرلۈك باياناتلار ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىز بۇ ھەپتىكى پىروگراممىمىزدا، خەلقئارا قانۇن نۇقتىئىينەزىرىدىن 1915 – يىلقى ۋەقەلەرگە بىر قۇر نەزەر تاشلاپ چىقىمىز.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر يىلى ئاپرېل ئېيدا دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا ئوخشاش مەنزىرىلەرنى كۆزگە چېلىقتۇرىمىز. جۈملىدىن، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى تېرروتېرىيەسى ئىچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ دۆلەتلەر، تەشكىلاتلار  ياكى كىشىلەر تەرىپىدىن بۇرمىلانغان ھالدا ئېلان قىلىنغانلىقىنى كۆرىمىز.

ئەرمەنى ۋەقەلىرى ياكى ئەرمەنى قاراشلىرىنى قوللايدىغان شەخسلەرنىڭ كۆپىنچىسى تارىخ ياكى سىياسىي پەنلەر ساھەسىدىن بولىدۇ. بۇ شەخسلەر ۋەقەلەرنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتايدۇ. تۈركلەرنىڭ ياكى تۈركىيەنىڭ قاراشلىرىنى قوللايدىغان شەخسلەرنىڭ كۆپىنچىسىمۇ بۇ مەسىلىگە تارىخىي نۇقتىئىينەزەردىن قارايدۇ ۋە ئەرمەنلەرنى باشقا جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش قانۇنىنى ئىجرا قىلىشنىڭ ھېچقاچان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

بۇنىڭدىن ئۇزۇن يىللار مۇقەددەم يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن تارىخىي نۇقتىئىينەزەرگە ئېھتىياج باردۇر. بىراق، بۇ يەردە شۇ مۇھىم نۇقتىنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ؛ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئاتالغۇسى خەلقئارا قانۇن ساھەسىدىن ئورۇن ئالىدۇ. شۇڭا، تارىخ ساھەسىدىن كەلگەن شەخسلەر ياكى سىياسەتچىلەرنىڭ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىشى مەسىلىنى تولۇق ئانالىز قىلغىلى بولماسلىقتەك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ مەسىلە ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغانلار ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىغا ئاساسەن تۈرلۈك مىقدارلاردا ئۆلۈم بىلەن نەتىجىلەنگەن ۋەقەلەرنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتايدۇ. ھالبۇكى، ھەرقانداق بىر ۋەقەنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكى ياكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئەمەسلىكى ئۈچۈن خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن قارار چىقىرىلىدۇ.

«ئىرقىي قىرغىنچىلىق» مەسىلىسىدە دەسلەپكى مۇھىم قارار، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 260 – نومۇرلۇق قارارىغا ئاساسەن 1948 – يىلى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاندۇرۇش ئەھدىنامىسى» نىڭ قوبۇل قىلىنىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەرمەنلەر ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى تېرروتېرىيەسىدە ئاۋۋال ئاپتونومىيە، كېيىن مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن سىياسىي ۋە قوراللىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى «سىياسىي گۇرۇپپا» پائالىيەتلىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، مەزكۇر ئەھدىنامىدە بەلگىلەنگەن «تۆت گۇرۇپپا» غا تەۋە ئەمەس.

 

 

شۇ دەۋردىكى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىدە، مەزكۇر ئەھدىنامىنىڭ 2 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «مەقسەتلىك يوقىتىش» نى نىشان قىلىدىغانلىقىغا دائىر بىر ئىرادە ياكى ئىبارە مەۋجۇت ئەمەس. مەقسەتلىك يوقىتىشنى ئىسپاتلىغۇدەك يازما ۋە ئاغزاكى ھۆججەتلەر بولمىغىنىدەك، بارلىق ھۆججەتلەر ئەرمەنلەرنى قوغداش ۋە ئۇلارنىڭ تىنچ – ئامان ياشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆلگەن ئەرمەنلەرنىڭ سانى ۋەقەلەرنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىشتىن تولىمۇ يىراق. ئوخشاش سەۋەبلەر بىلەن رايوندا ئۆلگەنلەر تۈرك پۇقرالارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپتۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەرمەنلەرنى باشقا جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش قانۇنى ھەرگىزمۇ مەزكۇر ئەھدىنامىنىڭ 2 – ماددىسىنىڭ س قىسمىغا ئاساسەن ۋاسىتىلىك ياكى مەخپىي «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئەمەستۇر.

مەزكۇر ئەھدىنامىگە ئاساسەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ھېسابلانمايدىغان ئەرمەنلەرنى باشقا جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش قانۇنىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ھەربىي ھەقىقەتلەرنىمۇ نەزەرگە ئالغاندا، بۇنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ھېسابلىنىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئەرمەنلەرنى باشقا جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش قانۇنىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر رىم ئەھدىنامىسىنىڭ 7 – ماددىسىغا ئاساسەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ھېسابلانمايدۇ. يەنى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلغۇدەك ئەرمەنلەرنىڭ نوپۇسىغا قارشى پىلانلىق ھالدا «كەڭ كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق ھالدا ھۇجۇم قىلىش» نى نىشان قىلىدىغانلىقى ئىسپاتلانغىنى يوق. ئەرمەنلەرنى باشقا جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش قانۇنى ئېتنىك تازىلاشتىن پەرقلىق ھالدا ئەرمەنلەرنى مەجبۇرىي ھالدا سۈرگۈن قىلىشنى نىشان قىلمايتتى، ئەرمەنلەرگە قارشى دىنىي ياكى باشقا سەۋەب بىلەن قەتلىئام يۈرگۈزۈشنىمۇ نىشان قىلمايتتى. چۈنكى، باشقا ئەرمەنلەرنى جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش قانۇنى ئەرمەنلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەقسىتىدە ئىجرا قىلىنغانىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىدىن، ئەرمەنلەرنىڭ ئىشغالچى رۇس قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ، بالقان ئۇرۇشلىرىدىكىگە ئوخشاش تۈركلەرگە – مۇسۇلمانلارغا قارشى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىدى.

ئۇرۇش مەزگىلىدە رايوندىكى بەزى گۇرۇپپىلارنىڭ رايوندا ئوتتۇرىغا چىققان قىسمەن ھاكىمىيەت بوشلۇقىدىن پايدىلانغانلىقىنى بىلىمىز. رايوندىكى بەزى گۇرۇپپىلار ئۆزلىرىنىڭ نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن كۆچۈش ھالىتىدىكى ئەرمەنلەرگە ھۇجۇم قىلغان، ئۆلتۈرگەن ۋە مال – مۈلۈكلىرىنى بۇلاپ – تالىغانىدى. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئۈچ سەپتە ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، قول ئىلكىدىكى چەكلىك قوراللىق كۈچلىرى بىلەن بەزىدە ئەرمەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ھەر جەھەتتىن قوغدىيالمىغان. بۇ ئەھۋال، جۇغراپىيە، غىزاسىزلىق، دورىسىزلىق ۋە ھەممە ياقنى كېسەللىك قاپلاپ كېتىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان پۇقراۋى تۈركلەرنىڭ ئۆلۈملىرىنىڭ ئەرمەنلەرنىڭكىدىن ئارتۇق بولمىسىمۇ، ئەرمەنلەرنى باشقا جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش قانۇنىدا ۋاسىتىلىك يولللار ئارقىلىق يوقىتىشنى نىشان قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، دۆلەت دائىرىلىرىدە پەۋقۇلئاددە ۋەقەلەرگە قارشى پۇشايمانلىق ۋە زوراۋانلىقققا قارشى غەزەپ – نەپرەتنىڭ تۇغۇلغانلىقىمۇ بىلىنىدۇ. دەرۋەقە، «جىنايەت» كاتېگورىيەسىگە كىرىدىغان بۇلاڭچىلىق ۋە ئۆلتۈرۈش جاۋابكارلىرى تېخى ئۇرۇش ئاخىرلاشماستىنلا سوتلانغان ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان.

بۇ مەسىلە كۈنىمىزدە تارىخىي ۋە قانۇنىي بىر ۋەقە بولۇشتىنمۇ بەكرەك، سىياسىي بىر ۋەقەگە ئايلاندۇرۇۋېلىندى. خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدە تۈركىيەنى رەقىب دەپ قارىغان ۋە تۈركىيەنىڭ يولغا قويۇۋاتقان تاشقى سىياسىتىنى ئۆزىگە تەھدىت دەپ بىلىدىغان دۆلەتلەر ۋە تەشكىلاتلار بۇ مەسىلىنى تۈركىيەگە قارشى كوزېر سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە ئۇرۇنماقتا.

نۆۋەتتە نەزەردە تۇتۇشقا تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا، ئەرمەنلەر ئىچىدىكى ئاشقۇن گۇرۇپپىلار داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىككى يۆنىلىشلىك ئۇرۇشتۇر. دەرۋەقە، بۇ گۇرۇپپىلا ھەم ئەزەربەيجانغا قارشى قانلىق ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ، ھەمدە تۈركىيەگە قارشى پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. بۇ پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش ئەزەربەيجان تېرروتېرىيەسىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىشغال قىلىشنى نىشان قىلىدۇ.

«ئەرمەنى دەۋالىرى» دىن يەنە بىر مەقسەت بولسا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان، ئۆزئارا يېقىن مۇناسىۋىتى بولمىغان ۋە ئۆزلىرى ياشايدىغان خىرىستىيان ئەللەردە تېزلىك بىلەن ئېرىپ كېتىشكە باشلىغان ئەرمەنلەردۇر. ئۇلارنى مەدەنىيەت جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىشتىن ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى بىرلەشتۈرەلەيدىغان بىر سەۋەب ئىجاد قىلىشقا توغرا كېلەتتى. دەرۋەقە، «ئەرمەنى دەۋالىرى» دەل بۇنىڭ ئۈچۈن ئىجاد قىلىندى، ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئىغۋاگەرچىلىكى ۋە يالغانچىلىقى ئويدۇرۇپ چىقىرىلدى. نەتىجىدە، بىرلىكتە دەرد - ئەلەم تارتقان بولۇش يالغانچىلىقىنىڭ بىرلەشتۈرگۈچ كۈچى ئوتتۇرىغا چىقتى.

بۇ مەسىلە ھەققىدە پەقەت 1915 – يىلقى ئەرمەنلەرنى باشقا جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش قانۇنى ئۈستىدىن تالاش – تارتىش ئېلىپ بارماسلىق لازىم. ئەكسىچە، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك پەنجىرىدىن ئانالىز قىلىنىشى كېرەك. 1820 – 1920 – يىللار ئارىسىدا بالقان ۋە كاۋكاز رايونلىرىدا تۈركلەرگە قارشى يۈرگۈزۈلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقلاردا 4 مىليوندىن ئارتۇق تۈرك ئۆلتۈرۈلگەنىدى. بۇ ۋەھشىيلىك دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلىنىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، 1820 – 1920 – يىللار ئارىسىدا 5 مىليون تۈرك تۈرلۈك ھۇجۇملارغا ئۇچرىغانلىقتىن كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى. بۇ مەسىلىلەر تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە  تەتقىق قىلىنىشى، تەكشۈرۈلۈشى، ئېلان قىلىنىشى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلىنىشى شەرت.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر