تۈركىيە، ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە، ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 24 – ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇددەتتىن بۇرۇنقى سايلامغا ئالاقىدار باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

958292
تۈركىيە، ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 24 – ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇددەتتىن بۇرۇنقى سايلامغا ئالاقىدار باياناتىنىڭ ئەڭ يادرولۇق ئىگىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە پىرىنسىپلىرىغا زىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تۈركىيەدىكى سايلاملارغا دائىر باياناتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا يازما جاۋاب قايتۇردى.

باياناتچى ھامى ئاقسوي، كومىتېتنىڭ 24 – ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىنى تەۋسىيە قىلىش ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم ئەپسۇسلىنارلىق بىر بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سىياسىي خاراكتېرگە ئىگە بۇ باياناتى ئەڭ يادرولۇق ئىگىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە پىرىنسىپلىرىغا زىتتۇر. (بۇ بايانات) مىللىتىمىزنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ قارارلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلماقتىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئاقسوي، بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بىر قانچە قېتىم تەكىتلەپ ئۆتۈلگىنىدەك، تۈركىيەنىڭ تېررورغا قارشى ھەقلىق كۈرىشى تەقەزا قىلىۋاتقان جىددىي ھالەت تۈزۈمىنىڭ  كۆپ سانلىقچى ۋە ھەقىقىي مەنىدىكى دېموكراتىك سايلاملارنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە توسالغۇ بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «خېلى كۆپ دۆلەتتە جىددىي ھالەت تۈزۈمى ئەسناسىدا سايلام ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭ ئەڭ يېڭى مىساللىرىدىن بىرىنى 2017 – يىلى فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملار شەكىللەندۈرمەكتە. تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بارلىق سايلاملارنىڭمۇ دېموكراتىك، ئەركىن، ئادىل ۋە ئوچۇق – ئاشكارا ئىكەنلىكى خەلقئارا كۈزىتىش دوكلاتلىرى ئارقىلىق جەزملەشتۈرۈلگەندۇر. نۆۋەت تۈركىيەگە كەلگەندە، ئەقلى گاللىشىپ قالىدىغان تەرەپلەرنىڭ بۇ خىل (خاتا) مۆلچەرلەرگە تايانغان قاراشلىرى، تۈركىيەگە قارىتىلغان قوش ئۆلچەملىك تونۇشنىڭ ئەپسۇسلىنارلىق يېڭى برى ئۈلگىسىدۇر» دېدى.

باياناتچى ئاقسوي يەنە، «ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى بايرىقى ئاستىدا تېررور بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيە گۇماشتىسى پ ي د نىڭ سابىق  باشلىقى سالىھ مۇسلىمغا سۆز قىلىش پۇرسىتى بەرگەن بۇ تونۇشنىڭ، دۆلىتىمىزگە دېموكراتىيە دەرسى ئۆتۈشكە ھەققى ۋە سالاھىيىتى يوقتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئاقسوي، تۈركىيەدە سايلاملارنىڭ قاچان ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىغا پەقەت ۋە پەقەت خەلقنىڭ ئىرادىسى بىلەن سايلانغان پارلامېنتنىڭ قارار قلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر