تۈركىيە دونالد ترامپقا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ترامپنىڭ ئەرمەنىلەر توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە دونالد ترامپقا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 1915-يىلدىكى ئاتالمىش ئەرمەنىي ۋەقەلىرى توغرىسىدا ئېلان  قىلغان يازما باياناتىدىكى «خاتا ئىبارىلەر ۋە سۇبيېكتىپ تارىخ ئانالىزى»نى كەسكىن ھالدا رەت قىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان  قىلىنغان يازما باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەرىپىدىن 1915-يىلدىكى ۋەقەلەر توغرىسىدا 2018-يىلى 24-ئاپرېلدا ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتىكى خاتا ئىبارىلەر ۋە سۇبيېكتىپ تارىخ ئانالىزىنى رەت قىلىمىز. »

تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا ھاكىمىيىتىدىن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە تەۋە پۈتكۈل مىللەتلەر چوڭقۇر ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ مەزگىلگە ئادىل مۇئامىلە قىلىشىنى كۈتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا يەنە مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى: «پىرېزىدېنت ترامپقا ئەينى ۋاقىتتا ئەرمەنىي ئىسيانچىلىرىمۇ قاتناشقان ۋەقەلەر سەۋەبىدىن قەتل قىلىنغان 500 مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلماننىڭ بارلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىپ قويايلى، تۈركىيە ئورتاق تارىخ تەتقىقات كومىتېتى قۇرۇش ئارقىلىق تارىخنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق دەۋرنى يورىتىپ بېرىشنى ئىزچىل تەكلىپ قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئارخىپلارنى تەتقىقاچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ئېچىۋەتتى. »

باياناتتا 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا جېنىدىن ئايرىلغان ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى ئەرمەنىلەرنىڭ بۇ يىلمۇ 24-ئاپرېل كۈنى ئىستانبۇل ئەرمەنى پاترىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن دىنى مۇراسىمدا800 يىللىق تۈرك-ئەرمەنى دوستلۇقىغا مۇۋاپىق شەكىلدە چوڭقۇر  ياد ئېتىلگەنلىكى تەكىتلەندى.

باياناتتا يەنە: «ئامېرىكا ھاكىمىيىتىگە جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىمقى مۇراسىم مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ بۇ سەزگۈر مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى ئەرمەنىلەرنىڭ نەۋرىلىرىگە  2018-يىلى 24-ئاپرېلدا ئەۋەتكەن تېلېگراممىسىنى ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ بۇ توغرۇلۇق ئېلان قىلغان باياناتىنىڭ خەلقئارا قانۇننىڭ روھىغا ماس بولۇشىنى ۋە ئاساسسىز ئىرقىي قىرغىنچىلىق قاراشلىرىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز ۋە مۇشۇنداق قىلىشنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى ئويلايمىز.»

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئەرمەنىلەر تەرىپىدىن 1915-يىلدىكى ۋەقەلەر ئۈچۈن خاتىرە كۈن سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان «24-ئاپرېل كۈنى»توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇلتۇرقىغا ئوخشاش بۇ يىلمۇ ئەرمەنىچە «بۈيۈك پالاكەت»دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان « مېدس يېگخېرن» (Meds Yeghern) ئىبارىسىنى ئىشلەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر