ئىنسانپەرۋەرلىك يارىدەم ۋەقفى «İHH»، ئافرىن خەلقىگە تاماق تارقاتماقتا

ئىنسان ھەق ۋە ھۆررىيەتلىرى، ئىنسانپەرۋەرلىك يارىدەم ۋەقفى «İHH»نىڭ ئافرىندا ھەر كۈنى 10 مىڭ كىشىگە تاماق تارقىتىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

956692
ئىنسانپەرۋەرلىك يارىدەم ۋەقفى «İHH»، ئافرىن خەلقىگە تاماق تارقاتماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىدىن كېيىن تېررورچىلاردىن تازىلانغان ئافرىن شەھەر مەركىزىدە ئىنسان ھەق ۋە ھۆررىيەتلىرى، ئىنسانپەرۋەرلىك يارىدەم ۋەقفى «İHH»، 10 مىڭ كىشىگە ئىسسىق تاماق تارقىتىپ بەردى.

ئىنسان ھەق ۋە ھۆررىيەتلىرى، ئىنسانپەرۋەرلىك يارىدەم ۋەقفى «İHH»نىڭ سۈرىيە ئاخبارات ئىشلىرى مەسئۇلى سەلىم توسۇن ئافرىن شەھەر مەركىزىدە قۇرۇلغان تاماقخانا ئارقىلىق ئائىلىلەرنىڭ تاماق ئېھتىياجىنى قامداشقا تىرىشۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تېررورچىلاردىن تازىلانغان رايونلاردىكى ياردەم خىزمەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيەدىكى ساخاۋەتچىلەرنىڭ ياردەملىرىنى ئافرىنلىق ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

سەلىم توسۇن قۇرغان تاماقخانىدا كۈنىگە 10 مىڭ كىشىگە ئىسسىق تاماق يەتكۈزۈلىۋاتقانلىقىنى، تاماق تارقىتىشنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافرىن رايونىنى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ك ج ك/ پ ي د ي پ گ ۋە دائېش تېررورچىلىرىدىن تازىلاپ، دوست ۋە قېرىنداش رايون خەلقىنى بېسىم ۋە زۇلۇملاردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن 20دېكابىردا زەيتىن شېخى ھەربي ھەرىكىتىنى باشلىغان بولۇپ، 18مارتتا رايوننى تېررورچىلاردىن قۇتقازغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر