تۈركىيەنىڭ سايلام ئۆتكۈزىشىدىن بىئارام بولۇۋاتقان دۆلەتلەر تەنقىد قىلىندى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نۇرىتتىن جانىكلى تۈركىيەنىڭ سايلام ئۆتكۈزۈشىدىن بىئارام بولۇۋاتقان دۆلەتلەرگە خىتاب قىلدى.

956582
تۈركىيەنىڭ سايلام ئۆتكۈزىشىدىن بىئارام بولۇۋاتقان دۆلەتلەر تەنقىد قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نۇرىتتىن جانىكلى: «سايلام؛ دېموكراتىك دۆلەتلەر ئۈچۈن بىر بايرامدۇر. ئىتتىپاقداشلىرىمىز بۇنىڭدىن نېمەئۈچۈن بىئارام بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن قايغۇرىدۇ؟» دېدى.

نۇرىتتىن جانىكلى ئادالەت ۋە تەرققىيات پارتىيەسىنىڭ گىرەسۇن ۋىلايەتلىك ئاياللار ياچايكىسى قۇرۇلتىيىدا سۆز قىلدى. 

مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام بىلەن گويا بىر توي ياكى بايرام ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن جانىكلى، «24ئىيۇندا تۈركىيە بۇنى قارار قىلدى. سەن ئىتتىپاقدىشىمىز تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن سايلامدىن بىئارام بولىسەن. نېمە ئۈچۈن قايغۇرىسەن؟ بەلكى دەل ئەكسىچە ئەگەر سايلام ئۆتكۈزۈلمىسە ۋە ئۇ جەھەتتە مەسلە كۆرۈلسە، ئاندىن قايغۇرىشىڭ لازىم» دېدى.

نۇرىتتىن جانىكلى ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدىكى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامغا دائىر سەلەبىي باياناتلىرى ئۈسىتدە توختىلىپ، «ئەسلى بىز قايغۇرىۋاتىمىز. دۆلىتىمىزنىڭ بىرلىكى ۋە بىر پۈتۈنلىكىگە تەھدىت بولۇۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ پ ي د ي پ گ غا سۈرىيەدە 4 مىڭ ئاپتوموبىلدا لىق قورال ياراق يوللاپ بەرگەنلىكىڭدىن قايغۇرىۋاتىمىز. تۈركىيەنىڭ ئېگىلىك ھوقۇقىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە ئۇنىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىلىرىغا ياردەم بىرىۋاتقانلىقىڭدىن قايغۇرۋاتىمىز» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر