ئەردوغان مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇدەتتىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام ۋاقتىنىڭ 2018 – يىلى 24 – ئىيۇن ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئەردوغان مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەھبىرى دەۋلەت باھچەلى بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، باھچەلى بىلەن ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە ھازىر 16 - ئاپرېلدىكى جۇمھۇر رەئىسىلىك ۋە يېڭى ھۆكۈمەت تۈزۈمى سايلىمىدىن كېيىنمۇ يەنە، «كونا تۈزۈم» بىلەن ئىدارە قىلىنماقتا. جۇمھۇر رەئىسلىكى ۋە يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ماسلىشىشى سايىسىدا گەرچە مەسىلە كۆرۈنمەيۋاتقاندەك قىلسىمۇ، بىراق كونا تۈزۈمنىڭ كېسەللىكلىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ تۇرماقتا. بىز 2019يىلى نويابىردىكى سايلامغا قەدەر چىشىمىزنى چىشلەشنى تاللىغان ئىدۇق، بىراق ھەم سۈرىيەدىكى چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكىتىمىز، ھەم سۈرىيە ۋە ئىراقنى مەركەز قىلغان ھالدا رايونىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ھادىسىلەر، تۈركىيەنىڭ بالدۇرراق ئېنىقسىزلىقلارنى ھەل قىلىشىنى تەقەززا قىلماقتا. دۆلىتىمىز دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر سەۋەبىدىن باھچەلىنىڭ مۇددەتتىن ئىلگىرى سايلام ئۆتكۈزۈش تەكلىپىگە ئىجابىي پوزىتسىيە بىلدۈردۇق. سايلام مەسلىسىنى دۆلىتىمىزنىڭ كۈنتەرتىپىدىن بالدۇرراق چىقىرىپ تاشلاش شەرت بولۇپ قالدى. سايلامنىڭ 2018يىلى 24ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلۈشىنى قارار قىلدۇق.» 

ئەردوغان بۇ ھەقتىكى قانۇنلۇق رەسمىيەتلەرنىڭ دەرھال بېجىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئالىي سايلام كېڭىشىدە سايلام تەييارلىقلىرىنىڭ تېزدىن باشلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر