ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ئەنقەرە زىيارىتىنى باشلىدى

ستولتېنبېرگ تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نۇرەتتىن جانىكلى تەرىپىدىن مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى.

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ئەنقەرە زىيارىتىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نۇرەتتىن جانىكلى ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بىلەن كۆرۈشتى. جانىكلى كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگقا: «تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە توغرا چۈشەنگەنلىكىڭىز ۋە قوللىغانلىقىڭىز ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىمىز» دېدى.

ستولتېنبېرگ مۇراسىمدا تۈركىيە ھۆرمەت قاراۋۇللىرىغا سالام يوللىغاندىن كېيىن، شەرەپ دەپىتىرىگە بېغىشلىما يازدى. مۇراسىمدىن كېيىن ستولتېنبېرگ بىلەن جانىكلىنىڭ ئايرىم كۆرۈشۈشى ۋە ھەيئەتلەر ئارا كۆرۈشۈش ئۆتكۈزۈلدى.

ستولتېنبېرگ مىنىستىر جانىكلى بىلەن كۆرۈشۈشىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈشلەردە، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافرىندىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ك ج ك|پ ي د-ي پ گ ۋە دائېش ئەزالىرىنى يوقىتىش، دوست ۋە قېرىنداش رايون خەلقىنى يۇقىرى بېسىم ھەمدە زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن 2018-يىلى 20-يانۋار باشلانغان «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى»، تۈركىيە-ناتو مۇناسىۋەتلىرى، 2018-يىللىق بىريۇسسېل ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باش كاتىپ ستولتېنبېرگىنى قوبۇل قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر