ئەردوغان مۇنبىچ ۋە ئىدلىبتىمۇ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتىنى بەردى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئافرىننىڭ ئارقىسىدىن كېيىن، ئىدلىب ۋە مۇنبىچتىمۇ ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى.

936287
ئەردوغان مۇنبىچ ۋە ئىدلىبتىمۇ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتىنى بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا خەلققە خىتاب قىلغاندا، تۈركىيە ئارمىيەسى 20-يانۋار تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ك ج ك|پ ي د-ي پ گ ۋە دائېش تېررورىستلىرىنى يوقىتىش، دوست ۋە قېرىنداش رايون خەلقىنى يۇقىرى بېسىم ۋە زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن باشلىغان «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى» توغرىسىدا توختالدى. ئۇ ھەربىي ھەرىكەتتە ھازىرغىچە يوقىتىلغان تېررورىستلار سانىنىڭ 3700 گە يەتكەنلىكىنى، ئافرىندىن كېيىن ئىدلىب ۋە مۇنبىچتىمۇ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، بۇ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى:

«ئۇلارغا، بىز ئەمدى بۇ يەرلەردە كەينىمىزگە چېكىنەلمەيمىز، بىز مەزلۇملارنى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنى قوغدايمىز، دېدۇق. بۇ مىللەت تارىختا مەزلۇملارنى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنى قوللاشنىڭ قەدىمىنى باسقان، دېدۇق. ئىككى كۈن بۇرۇن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ھۆرمەتلىك ۋلادىمىر پۇتىن بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، بۇلارنى سۆزلەشتۇق. بىز ھېچقاچان زالىملارنى قوللىمىدۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر