تۈركىيە ئارمىيەسى پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرگە پاكىتلىق جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئارمىيەسى، پۇقرالار ۋە تارىخىي ماكانلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدىكى دەۋالارغا ئىنكاس قايتۇردى.

933562
تۈركىيە ئارمىيەسى پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرگە پاكىتلىق جاۋاب قايتۇردى
rakka, dogu guta.jpg
afrin.jpg
musul.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە ئۇچۇر تارقىتىپ، ئافرىندا ئېلىپ بېرىلغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى ئەسناسىدا پۇقرالار ۋە تارىخىي ماكانلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدىكى دەۋالارغا ئىنكاس قايتۇردى.

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق تارقاتقان ئۇچۇرىدا، سۈرىيە ھاكىمىيىتى، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بەزى ئىمپېرىيالىست كۈچلەر تەرىپىدىن يەر بىلەن يەكسان قىلىنغان ھەلەب، راققە ۋە شەرقىي غۇتە، ئىراقتىدكى مۇسۇل شەھەرلىرىنىڭ فوتو – سۈرەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئافرىننىڭ زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىدىن كېيىنكى فوتو – سۈرەتلىرىگە ئورۇن بېرىلدى.

مەزكۇر ئۇچۇردا يەنە «پۇقرا / بىگۇناھ كىشىلەر، مۇھىت، تارىخىي يادىكارلىقلار ۋە دىنىي / مەدەنىي قۇرۇلۇشلار تۈركىيە ئارمىيەسىگە نىسبەتەن چېقىلالماسلىق ھوقۇقىغا ئىگىدۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى تارقاتقان فوتو – سۈرەتلەردە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن پ ك ك / پ ي د / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ راققەدە ئاتالمىش دائېشقا قارشى كۈرەش باھانىسى ئاستىدا پەيدا قىلغان ۋەيرانچىلىقلىرى، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھەلەب ۋە شەرقىي غۇتەدە پۇقرالارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدىن كېيىن خارابىلىككە ئايلانغان بىنالار؛ ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىنىڭ دائېشتىن قۇتۇلدۇرۇلۇش جەريانىدا خارابىلىككە ئايلانغان ھالەتلىرى روشەن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

يەنە بەزى فوتو – سۈرەتلەر يۇقىرىقىلارنىڭ ئەكسىچە، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىكى پ ك ك / پ ي د ۋە دائېش تېررورچىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، دوست ۋە قېرىنداش رايون خەلقىنى بېسىم ۋە زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش مەقسىتىدە 20 – يانۋاردا باشلىغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا رايوندىكى بىرمۇ پۇقرانىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىمىغانلىقى، شەھەرنىڭ خارابىلىككە ئايلىنىپ كەتمىگەنلىكى روشەن گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى.

 

 

 

 

ھەرىكەتتىن كېيىنكى راققە

 

 

 

 

 

ھەرىكەتتىن كېيىنكى مۇسۇل

 

 

 

 

 

 

ھەرىكەتتىن كېيىنكى مۇسۇل

 

 

 

 

ھەرىكەتتىن كېيىنكى ھەلەب

 

 

 

 

 

 

ھەرىكەتتىن كېيىنكى ھەلەب

 

 

 

 

 

ھەرىكەتتىن كېيىنكى شەرقىي غۇتە

 

 

 

 

 

 

ھەرىكەتتىن كېيىنكى شەرقىي غۇتە

 

 

 

 

 

 

ھەرىكەتتىن كېيىنكى ئافرىن

 

 

 

 

 

 

ھەرىكەتتىن كېيىنكى ئافرىن



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر