چاناككالە دېڭىز زەپەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى

چاناككالەدە 18-مارت شېھىتلەرنى ئەسلەش ۋە چاناككالە دېڭىز زەپىرىنىڭ 103-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.

932129
چاناككالە دېڭىز زەپەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى
canakkale toren1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 18-مارت شېھىتلەرنى ئەسلەش ۋە چاناككالە دېڭىز زەپىرىنىڭ 103-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چاناككالەدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.

جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نۇرەتتىن جانىكلى، تۈركىيە ئارمىيەسىگە ۋاكالىتەن چاناككالە بوغۇز ۋە ھەربىي گازارما قوماندانى گېنېرال مىتھات كەمال ئالگۈن، چاناككالە ۋالىيسى ئورھان تاۋلى ۋە شەھەر باشلىقى ۋەكىلى ئادنان گۈلەر قاتارلىق زاتلار ئاتاتۈرك خاتىرە مۇنارىغا گۈل-چەمبەرەك قويۇشتى.

مۇراسىمدا 21 توپ ئوقى ئېتىلدى.

مۇراسىمدا ئىستىقلال مارشى ئوقۇلغاندىن كېيىن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)تەرىپىدىن 1994-يىلى 3972 –نومۇرلۇق قانۇن دائىرىسىدە 253مىڭ شېھىت ۋە چاناككالەگە بېرىلگەن ۋە ئۈستىگە «چاناككالەدىن ئۆتۈش مۇمكىن ئەمەس»دېگەن خەت يېزىلغان ئالتۇن مېدالنى  مىنىستىر جانىكلى، ۋالىي تاۋلى، بوغۇز قوماندانى گېنېرال ئالگۈل ۋە گۈلەر قاتارلىق زاتلار جۇمھۇرىيەت مەيدانىدىكى بايراققا تاقاشتى.  

تۈركىيە پۇتبول فېدېراتسىيەسى ، تۈركىيە ۋاسكىتبول فېدېراتسىيەسى، تۈركىيە ۋالېبول فېدېراتسىيەسى ، گالاتاساراي، بەشىكتاش ۋە فەنەرباھچە قاتارلىق داڭلىق پۇتبول كوماندىلىرى 18-مارت چاناككالە زەپىرىنىڭ 103-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر