ئەردوغاننىڭ غەربىي ئافرىقا زىيارىتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ غەربىي ئافرىقا زىيارىتى

ئەردوغاننىڭ غەربىي ئافرىقا زىيارىتى

ئەردوغاننىڭ غەربىي ئافرىقا زىيارىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئافرىقىغا قارىتا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى دائىرىسىدە غەربىي ئافرىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ھەپتىكى پىروگراممىمىزدا، ئەردوغاننىڭ غەربىي ئافرىقا زىيارىتى ۋە بۇ زىيارەتنىڭ تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ غەربىي ئافرىقا زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى ئالجىرىيە ئىدى. ماۋرىتانىيە ۋە سېنېگال بىلەن داۋاملاشقان زىيارەتلەر مالىدا ئاخىرلاشتى. شۇنىڭ بىلەن، ئەردوغان ئافرىقىدا 2005 – يىلدىن بۇيان 32 دۆلەتتە زىيارەتتە بولغان بولدى. ئافرىقا قىتئەسىدىكى 12 دىن 41 گە يەتكەن باش ئەلچىخانىلار ۋە يۈز مىليونلۇق رەقەملەردىن يۈز مىلياردلارغا يەتكەن سودا ھەجمىنىڭ زورىيىشىمۇ ئەردوغاننىڭ بۇ زىيارەتلىرىنىڭ مېۋىلىرىدىن بىرى، ئەلۋەتتە.

زىيارەتلەردە ئۈنۈلۈك ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلدى. يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى. خەلقئارالىق تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش ۋە قۇددۇس مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مەسىلىلەردە قايتىدىن بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى. ئۆزئارا سودا ۋە سېلىنما ئىمكانىيەتلىرىنى يارىتىش توغرۇلۇق قەدەملەر تاشلاندى. زىيارەتلەردە ئالدىنقى پىلانغا چىققان يەنە بىر مۇھىم مەسىلە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى  كۈرەش ئىدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئافرىقا ئەللىرى رەھبەرلىرىنىڭ  فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئالجىرىيە بىلەن تۈركىيە ئورتاق تارىخقا ۋە قەدىمدىن تارتىپ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان چوڭقۇر دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىگە ئىگە. بۇ مۇناسىۋەتلەر ئەردوغاننىڭ 2006 – يىلقى ئالجىرىيەگە قىلغان تارىخىي زىيارىتىدىن كېيىن بارغانسېرى تەرەققىي قىلدى. ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ئۆزئارا زىيارەتلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ، سودا – ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە مۇستەھكەملەندى. بۇ زىيارەتلەر جەريانىدا ئىمزالانغان «دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق كېلىشىمى» بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھاسىل قىلدى. يېقىندىن بۇيان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ زىيارەتلىرى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتتى.

تۈركىيەنىڭ ئورتاق تارىخ ۋە دىنىي مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە ماۋرىتانىيە بىلەن بولغان سىياسىي مۇناسىۋەتلىرى دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدا بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق بىر مەسىلە يوق. بىراق، 2008 – يىلغىچە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا جىددىي ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. تۈركىيەنىڭ ئافرىقىغا قارىتا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشى بىلەن تەڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىككى ۋە كۆپ تەرەپلىك مۇنبەرلەردە ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر سەۋىيەسىدىكى ئۇچرىشىشلىرى كۆپەيدى. ماۋرىتانىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلئەزىزنىڭ 2010 – يىلى تۈركىيە زىيارىتى ۋە ئارقىدىنلا ئۆزئارا باش ئەلچىخانىلارنىڭ ئېچىلىشى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىشى، ئۆزئارا زىيارەتلەر ھەم ئۇچرىشىشلارنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يېتىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 2013 – يىلىدىن ئېتىبارەن سىستېمىلىق ھالدا سىياسىي كېڭەش يىغىنلىرى چاقىرىلماقتا.

سېنېگالنىڭ 1960 – يىلى مۇستەقىللىققا ئېرىشىشىدىن كېيىن داكاردىكى تۈركىيە باش ئەلچىخانىسى پائالىيەتكە ئۆتتى. سېنېگالمۇ ئىمكانىيەتلىرىنىڭ چەكلىك بولۇشىغا قارىماي 2006 – يىلى ئاۋغۇست ئېيىدىن ئېتىبارەن ئەنقەرەدە باش ئەلچىخانا ئاچتى. تۈركىيە بىلەن سېنېگال ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بارغانسېرى جانلانماقتا. سېنېگال تۈركىيەگە رايونىدا ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىچىدە تەسىرى كۈچلۈك ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن بارغانسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر دۆلەت دەپ قارىماقتا ۋە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنى ئارزۇ قىلماقتا.

تۈركىيە بىلەن مالىنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ئىنتايىن يۈكسەك سەۋىيەدە. مۇناسىۋەتلەر مالى پىرېزىدېنتى، پارلامېنت باشلىقى ۋە باش مىنىستىرىنىڭ تۈركىيەگە قىلغان زىيارەتلىرىدىن كېيىن تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. تۈركىيەنىڭ باماكو باش ئەلچىخانىسى 2010 – يىلى 1 – فېۋرال كۈنى پائالىيەتكە ئۆتتى.

مالى پىرېزىدېنتىنىڭ سىياسىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى باش ئەلچى بىراھىم سومارەمۇ 2014 – يىلى 6 – ماي كۈنى مالى مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ قارارى ئارقىلىق ئەنقەرە باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى. مۇناسىۋەتلەرنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن كېلىشىملەر ئىمزالاندى. ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە بۇ كېلىشىملەرگە يېڭىلىرىنىڭ ئىلاۋە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

ئەردوغان ۋە تۈركىيەدىن بارغان مېھمانلار ئافرىقا ئەللىرىدە قىزغىن قارشى ئېلىنماقتا. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، تۈركىيەنىڭ رايوندىكى باشقا ئاكتىيورلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىشىدۇر. تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى ئافرىقىنىڭ سۇ ۋە سەھىيە ساھەسىدە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىش ئۈچۈن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى مۇھتاجلارنى يېمەك – ئىچمەك ۋە چېدىرلار بىلەن تەمىنلىمەكتە. تۈرك سودا - سانائەتچىلەر سېلىنمىلىرى ئارقىلىق يەرلىك خەلققە ئىشقا ئورۇنلىشىش شارائىتى يارىتىپ بەرمەكتە. بۇلارنىڭ ھەممىسى، تۈركىيەنىڭ ئافرىقا ئىستىراتېگىيەسىنىڭ: «ئافرىقا قازانسا، تۈركىيەمۇ قازانىدۇ» تەرىقىسىدىكى ئاساسلىق نىشانى بويىچە ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا.

ئافرىقىدەك بىر جۇغراپىيەدە نوپۇز ساھەسى شەكىللەندۈرۈش، ئۇزاق مەزگىللىك ئىستىراتېگىيەلىك نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر. تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتە تاشلاۋاتقان قەدەملىرى بىرقانچە يىل كېيىن مېۋە بېرىشكە باشلايدۇ. شۇ ۋەجىدىن، تۈركىيە ئالاقىلىرىنى سەۋر – تاقەت بىلەن، قەتئىي ئىرادە بىلەن ۋە ئەقىل پاراسەت بىلەن ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشى لازىم. چۈنكى، تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى بارلىق چوڭ كۈچلەر پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئافرىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىشىگە قەتئىي بولمايدۇ.

ئەردوغان بۇ قېتىم غەربىي ئافرىقىدىكى 4 مۇسۇلمان دۆلەتتە زىيارەتتە بولدى. ئەردوغاننىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش ئۈچۈن پۈتكۈل ئافرىقا قىتئەسىنى زىيارەت قىلىش ئىرادىسى قەتئىيدەك قىلىدۇ. ئەردوغاننىڭ كېلەر قېتىمقى زىيارىتىنىڭ بېكىتى جەنۇبىي ئافرىقىدەك قىلىدۇ. دەرۋەقە، ئەردوغان «ئافرىقىغا قارىتا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» سىياسىتى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ رايوندا ئادالەتلىك بىر تۈزۈم ئورنىتىشتا مۇھىم رول ئوينىشىنى نىشان قىلماقتا. ئافرىقىنىڭ گۈللىنىشىگە بولغان ئىشەنچى كامىل بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇزاق مەزگىللىك قەدەملەرنى تاشلىماقتا. بۇ نىشان قىسمەن تۈركىيەنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك نىشانىنىڭ بېسىم كۈچى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك، ئەلۋەتتە.

بۇ قېتىمقى زىيارەتتە ئوتتۇرىغا چىققان بىر ئۆزگىرىش ئەسلىدە تۈركىيەنىڭ ئافرىقىدىكى ئۆزگىچىلىكىنىڭ يەكۈنى ھېسابلىنىدۇ. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆزىدىن فىرانسۇز تىلىدا: «تۈركلەر ئالجىرىيەنى مۇستەملىكىسى دەپ قارامتى؟» تەرىقىسىدە سوئال سورىغان ئالجىرىيەلىك ژۇرنالىستقا: «تۈركلەر جاھانگىر بولسا ئىدى، سەن بۇ سوئالنى فىرانسۇز تىلىدا ئەمەس، تۈرك تىلىدا سورىغان بولاتتىڭ» دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيەنىڭ ئافرىقىدىكى ئۆزگىچىلىكىنىڭ ئۆزىگە خاس دەلىلىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر