ئەردوغان: تۈركىيە شوپۇرسىز تانكا ئىشلەپچىقىرىدىغان سەۋىيەگە يەتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ شوپۇرسىز تانكىلارنىمۇ ئىشلەپچىقىرالايدىغان سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

916050
ئەردوغان: تۈركىيە شوپۇرسىز تانكا ئىشلەپچىقىرىدىغان سەۋىيەگە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان بەشتەپە سارىيى مىللىي مەدەنىيەت ۋە يىغىن زالىدا چاقىرىلغان 11 – نۆۋەتلىك تەرەققىيات پىلانىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە: «شوپۇرسىز تانكىلارنىمۇ ئىشلەپچىقىرالايدىغان سەۋىيەگە يەتتۇق. خۇدايىم بۇيرىسا، بۇ نىشانغىمۇ چوقۇم يېتىمىز. دەرۋەقە، نۆۋەتتە بىز نۇرغۇنلىغان قورال – ياراغلارنى ئۆزىمىز ئىشلەپچىقىرىۋاتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر