تۈركىيە ئارمىيەسى ئافرىندە چەت ئەللىك تېررورچىلارنىمۇ ئۇجۇقتۇردى

ھەرىكەت جەريانىدا، شىپرىلىق ئىسمى «باران گالىجىيا» دېيىلىدىغان ئىسپانىيلەىك سامۇئېل پىرادا لېئون بىلەن فىرانسىيەلىك ئولىۋېر فىراجۇس (خىتايچە ئىسمى) جېن لې چىيەنچى ئالدىنقى ھەپتە ئۇجۇقتۇرۇلدى.

912943
تۈركىيە ئارمىيەسى ئافرىندە چەت ئەللىك تېررورچىلارنىمۇ ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافرىندا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د/ پ ك ك غا قارشى زويتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا 2 ياۋروپالىق تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى ئېنىقلاندى.

ئافرىن رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان ھەرىكەت جەريانىدا تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ئېلان قىلىنغان ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورچىلارنىڭ تىزىملىكى ئىچىدە، بەزى ياۋروپالىق تېررورچىلارنىڭمۇ بارلىقى دىققەتنى تارتتى.

تىزىملىكتە بىلدۈرۈلىشىچە، ھەرىكەت جەريانىدا، شىپرىلىق ئىسمى «باران گالىجىيا» دېيىلىدىغان ئىسپانىيلەىك سامۇئېل پىرادا لېئون بىلەن فىرانسىيەلىك ئولىۋېر فىراجۇس (خىتايچە ئىسمى) جېن لې چىيەنچى ئالدىنقى ھەپتە ئۇجۇقتۇرۇلغان. 

ئۇلاردىن باشقا يەنە، پ ي د/ پ ك ك غا قاتناشقان گوللاندىيەلىك شىپرىلىق ئىسمى «باران ساسون» دەپ ئاتىلىدىغان سجورد ھېگېر ئىسىملىق تېررورچىنىڭمۇ سۈرىيەنىڭ شەرقىدىكى ۋە ئىراق چېگراسىدىكى توقۇنۇشلاردا ئۆلگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

 پ ي د/ پ ك ك ئىچىدە ياۋروپادىن ۋە ئامېرىكىدىن كەلگەن نۇرغۇنلىغان چەت ئەللىك تېررورچىلارنىڭ بارلىقى مەلۇم.

غەرب دۆلەتلىرى دائىشقىمۇ قېتىلىپ ئۇرۇش قىلغانلىقى بايقالغان تېرروچىلارغا قارىتا كۈچلۈك ئىستىخبارات توپلاش ۋە ئەدلىيە رەسمىيەتلىرى ئۈستىدە سىناقلارنى ئېلىپ باردى.

غەرب دۆلەتلىرى پ ي د/ پ ك ك- ي پ گ سەپلىرىگە قاتنىشىپ مەملىكەتلىرىگە قايتىپ بارغانلارغا باشقىچە مۇئامىلە قىلماقتا.

غەرب دۆلەتلىرى مەسئۇللىرى پ ي د/ پ ك ك- ي پ گ تېررولۇق تەشكىتلاتىنى تەھدىت قاتارىدا كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار ھەققىدىكى سوت رەسمىيەتلىرىنى بېجەرمەي كەلمەكتە. ياكى سوت رەسمىيەتلىرى قۇرۇق فورمىلا سۈپىتىدىلا تاشلىنىپ قالماقتا.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر