ئەردوغان گىرېتسىيە بىلەن جەنۇبىي قىبرىسنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى بىلەن گىرېتسىيەنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى.

ئەردوغان گىرېتسىيە بىلەن جەنۇبىي قىبرىسنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەھبىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە،  جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنىڭ ئاقدېڭىزدا ئۆز ئالدىغا تەبىئىي گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىگە، گىرېتسىيەنىڭ ئەگە دېڭىزىدىكى دەپسەندىچىلىكلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ ھەم ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ: «ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار» دېدى.

ئەردوغان جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىپ ئۆز ئالدىغا تەبىئىي گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىگە، گىرېتسىيەنىڭ يېقىندىن بۇيان ئەگە دېڭىزىدىكى قىيالىقلارغا ئالاقىدار دەپسەندىچىلىكلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ قىبرىس دېڭىز تەۋەلىكىدە تەبىئىي گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى ۋە ئەگە دېڭىزىدىكى قىيالىقلارغا ئالاقىدار پۇرسەتتىن پايدىلىنىش تەشەببۇسلىرىنى دىققىتىمىزدىن قاچىدۇ دەپ ئويلاپ قالمىسۇن. مەيلى قىبرىستا بولسۇن، مەيلى ئەگە دېڭىزىدا بولسۇن، ھەددىدىن ئاشقانلارنى چوتنى خاتا سوقماسلىقى توغرۇلۇق بۇ يەردىن ئاگاھلاندۇرىمىز. تۈركىيە تارىختىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن، كېلىشىملەر ۋە خەلقئارا قانۇنغا ئساسلىنىدىغان ھەق – ھوقۇقلىرىنى ئاداققىچە جان تىكىپ قوغدايدۇ.»

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى توغرىلىقمۇ توختالغان ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بىزنىڭ سۈرىيەدىكى، ئافرىن رايونىدىكى ھەق – ھوقۇقلىرىمىزنى قوغداش قانداق مۇھىم بولسا، ئەگە دېڭىزىدىكى ۋە قىبرىستىكى ھەق – ھوقۇقلىرىمىزنى قوغداشمۇ شۇنداق مۇھىمدۇر.»

رايوندىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان سۆزلىرىگە مۇنۇلارنى ئىلاۋە قىلدى: «ئۇرۇش پاراخوتلىرىمىز، ھاۋا ئارمىيەمىز زۆرۈر تېپىلغاندا ھەر تۈرلۈك مۇداخىلە قىلىش ئۈچۈن ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر