مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ كۈۋەيتتە ئۇچرىشىشلاردا بولماقتا

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت جاۋۇشئوغلۇ دائېشقا قارشى كۈرەش خەلقئارا بىرلەشمىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ۋە ئىراقنىڭ يېڭىدىن گۈللىنىش خەلقئارا كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كۇۋەيتكە يېتىپ باردى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ كۈۋەيتتە ئۇچرىشىشلاردا بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ كۈۋەيت بىرىنچى مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ساباھ ئەل خەلىل ئەل ھاماد ئەسساباھ ۋە ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىبراھىم ئەل جافەرى بىلەن كۆرۈشتى.

چاۇۋۇشئوغلۇ بىلەن جافەرىنىڭ يىغىندىن ئىلگىرىكى ئۇچرىشىشىدا، رايوننىڭ ۋەزىيىتى ۋە ئىراقنىڭ يېڭىدىن گۈللىنىشىگە ئالاقىدار كېڭەش ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

چاۋۇشئوغلۇ جافىرىگە تۈركىيەنىڭ ئىراققا قىلىۋاتقان كۈچلۈك يارىدىمىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ كۈۋەيت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رھبەرلىرىنىڭ زىيارىتى ئارقىلىق تەرەققىي قىلغان ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىتىش ئىرادىسى تەكىتلەندى ۋە رايوننىڭ ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر