باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئانگېلا مېركېل بىلەن كۆرىشىدۇ

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن 15 - فېۋرالدا پايتەخت بېرلىندا ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدۇ.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئانگېلا مېركېل بىلەن كۆرىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە ھۆكۈمىتى باياناتچىسى سىتېففېن سايبېرت ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، بىنالى يىلدىرىم بىلەن مېركېلنىڭ شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 16:00 دە ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا بىرلىكتە جاۋاپ قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

بىنالى يىلدىرىم بېرلىندىكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن خەلقئارا مىيۇنىخ خەۋپسىزلىك كېڭىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن مىيۇنىخقا بارىدۇ ۋە يېغىندا نۇتۇق سۆزلەيدۇ.  

بىنالى يىلدىرىم ۋە ئۇنىڭ باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ گېرمانىيەدىكى دۆلەت ۋەكىللىرى بىلەن ئايرىم ئايرىم ۋە ھەيئەتلەرئارا ئۇچرىشىشلاردا بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر