تۈركىيە – ئافرىقا ئەللىرى ھەمكارلىق كونفېرانسى

تۈركىيە – ئافرىقا ئەللىرى 2 – نۆۋەتلىك مىنىستىرلار كۆزدىن كەچۈرۈش ھەمكارلىق كونفېرانسى ئىستانبۇلدا چاقىرىلدى.

تۈركىيە – ئافرىقا ئەللىرى ھەمكارلىق كونفېرانسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە بىلەن ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن كونفېرانس دائىرىسىدە ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋە ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن كۆپ ساندىكى مىنىستىرلار ۋە ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، بولۇپمۇ ئافرىقا دۆلەتلىرىنى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەكتەپلەر،  جەمئىيەتلەر ۋە كارخانىچىلار تەشكىلاتلىرى ھەم شىركەتلەرنىڭ ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇۋا ياسىغان بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى بولۇپ، دۆلەت ئورگانلىرىغا سوقۇنۇپ كىرىۋېلىش ئارقىلىق دۆلەتلەرنى كونتىرول قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئوخشىمىغان قىتئەلەردە ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا بەزى دۆلەتلەرنىڭ كونتىروللۇقىنى تامامەن قولغا كىرگۈزۈۋالدى.»

 ئۇ يەنە، ھەممىنى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى سەگەك بولۇشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «شۇ ھەقىقەتنى قەتئىي ئېسىمىزدىن چىقىرىۋەتمەسلىكىمىز لازىم؛ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ھەرگىزمۇ تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.  جەمئىيەتلىرىنىڭ ئىسمىنىڭ بېشىدا تۈرك ئىسمىنى ئىشلەتكەنلىكلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلامدىكىن دەپ ئويلاپ قالماڭلار. ئۇلار تۈركىيە بايرىقى بىلەن تۈرك ئىسمىنى پەقەت رەزىل مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈنلا سۇيىئىستېمال قىلىۋاتىدۇ.»

كونفېرانستا تۈركىيە – ئافرىقا ئەللىرى ئارا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنىڭ چارە – تەدبىرلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلماقتا.

كېلەر يىلى تۈركىيەدە چاقىرىلىدىغان 3 – نۆۋەتلىك تۈركىيە – ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى ھەمكارلىق يىغىنىغا تەييارلىق باسقۇچى ھېسابلىنىدىغان كونفېرانس، تۈركىيەنىڭ ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھ بولۇشىنىڭ 10 – يىلىدا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلمەكتە.

ئىگىلىنىشىچە، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن سىرت يەنە، 19 ئافرىقا دۆلىتىدىن مىنىستىرلار ۋە ۋەكىللەر قاتناشقان كونفېرانستا، تۈركىيە – ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر