«زەيتۇن شېخى» تۈركىيەنىڭ قانۇنىي قوغدىنىش ھوقۇقى ۋە خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن باشلانغان ھەرىكەتتۇر

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى ئىسمائىل كاھرامان ئافرىندا باشلانغان «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلدى.

893109
«زەيتۇن شېخى» تۈركىيەنىڭ قانۇنىي قوغدىنىش ھوقۇقى ۋە خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن باشلانغان ھەرىكەتتۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى ئىسمائىل كاھرامان «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئىسمائىل كاھرامان: «ئارمىيەمىزنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە چېگرامىزنىڭ جەنۇبىدا تېررورلۇق كارىدورى بەرپا قىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتدە باشلىغان ‹زەيتۇن شېخى› ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ غەلىبە بىلەن ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. دۆلىتىمزنىڭ قانۇنىي قوغدىنىش ھوقۇقى دائىرەسىدە ۋە خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن باشلانغان ھەرىكەتنىڭ بىردىنبىر نىشانى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە تېررورىستلادۇر. ھەرىكەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغان قەھرىمان ئارمىيەمىزگە ئاللاھتىن مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر