«چېگرا رايونىىمىزدا تېررورچىلار قوشۇنى تەشكىل قىلىنىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز»

تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى ئەنقەرەنىڭ چېگرا رايوندا تېررورچىلار قوشۇنى تەشكىل قىلىنىشىغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

890937
«چېگرا رايونىىمىزدا تېررورچىلار قوشۇنى تەشكىل قىلىنىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان ۋە ئۇدا 4 يېرىم سائەت داۋاملاشقان يىغىندىن كېيىن باياننامە ئېلان قىلىندى.

باياننامىدە ئەنقەرەنىڭ تۈركىيەگە قارىتىلغان تەھدىتلەرنى دەرھال ۋە ئۈزۈل - كېسىل بىر تەرەپ قىلىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكى تەكىتلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىكى  پ ك ك / پ ي د لىق تېررورسىتلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە يېشىل چىراغ  يېقىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلار قوشۇنى تەشكىل قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى، تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىدىن پىرىنسىپلىق پوزىتسىيە تۇتۇشىنى كۈتۈۋاتقانلىقى، ئەنقەرەنىڭ بۇنىڭغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقى قەيت قىلىندى ھەمدە ئامېرىكىدىن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا بەرگەن قورال – ياراغلارنى قايتۇرۇۋېلىشى تەلەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر