تۈركىيە ئامېرىكىغا ساياھەتكە بارىدىغان پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىغا ساياھەتكە بارىدىغان تۈركىيە پۇقرالىرىنى بۇ دۆلەتتە يۈز بېرىۋاتقان تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ھەم قالايمىقان تۇتقۇن قىلىش قىلمىشلىرى تۈپەيلى ئاگاھلاندۇردى.

تۈركىيە ئامېرىكىغا ساياھەتكە بارىدىغان پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلىق تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكىدا يۈز بېرىۋاتقان تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقى، بومبا ياكى قوراللىق ھۇجۇملاردىن سىرت يەنە، ئاپتوموبىللارنى ئىنسانلارنىڭ ئۈستىگە ھەيدەش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھۇجۇملار، شەھەر مەركەزلىرى، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، مېترو بېكەتلىرى، دۆلەت بىنالىرى، ئىبادەتخانىلار ھەتتا مەكتەپ قورۇلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان دۆلەت مەمۇرلىرىمىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل پۇقرالىرىمىز كەلسە – كەلمەس مەنبەلەرنىڭ بايانلىرىغا ئاساسەن قالايمىقان تۇتقۇن قىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. پۇقرالىرىمىز ئۈستىدىن تۇرغۇزۇلغان داۋالاردا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىدىن تەشكىل تاپقان شاھىتلارنىڭ ئالدىن پىلانلانغان دەلىل – ئىسپاتسىز ئىغۋالىرى ۋە تۆھمەتلىرىگە ئاساسلىنىپ پۇقرالىرىمىز ئۈستىدىن خالىنغانچە ھۆكۈم چىقىرىلماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر