ئەردوغان بىلەن پۇتىن سۈرىيەدىكى ئىدلىب ھۇجۇملىرى ئۈستىدە سۆزلەشتى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئىدلىب ۋە گۇتا رايونىغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنى مۇزاكىرە قىلدى.

886518
ئەردوغان بىلەن پۇتىن سۈرىيەدىكى ئىدلىب ھۇجۇملىرى ئۈستىدە سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيو رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭدىن سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋە گۇتا رايونلىرىغا قىلىنىۋاقان ھۇجۇملارنىڭ توختىتىلىشىغا كۈچ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى.

ئىككى رەھبەر بۈگۈن (11-يانۋار) كەچتە تېلېفوندا كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى يادرو ھەمكارلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا مۇزاكىرە قىلىنىش بىلەن بىرگە، سۈرىيە مەسىلىسى ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىسى بولدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پۇتىندىن سۈرىيە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدلىب ۋە گۇتا رايونىدا پۇقرالارغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇمنى توختىتىشقا كۈچ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدىكى باياناتىدا، يېقىنقى كۈنلەردە رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي بازىلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملارنى خاتىرىلەتتى ۋە: «تۈركىيە ئەسكەرلىرى ياكى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇلار بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئارقىسىدا كىملەرنىڭ بارلىقىنى ناھايىتى ياخشى بىلىمىز» دېدى.

پىرېزىدېنت پۇتىن «ھىمېيمىم» ھەربىي بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ ناھايىتى ئىنچىكە پىلانلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە تۈركىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بۇزۇشنىڭ مەقسەت قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر