چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا ۋە كانادادا زىيارەتتە بولىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە كانادادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا ۋە كانادادا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ 15 – 16 – يانۋار كۈنلىرى كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدە كانادا ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا چاقىرىلىدىغان «كورېىيە  يېرىم ئارىلىدا بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق» تېمىلىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە يىغىن دائىرىسىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون بىلەن كۆرۈشىدۇ.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چاۋۇشئوغلۇ يىغىن ھارپىسىدا 11 – 14 – يانۋار كۈنلىرى ئامېرىكىنىڭ لوس ئانژېلىس ۋە كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھەرلىرىدە سودا – سانائەتچىلەر، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە سىياسىيونلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىكەن ھەمدە تەتقىقات مەركەزلىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيەنىڭ ۋانكوۋېر باش كونسۇلخانىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر