ئەردوغان مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى قۇددۇس ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى

ئەردوغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى قۇددۇسنى پەلەستىننىڭ پايتەختى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى.

ئەردوغان مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى قۇددۇس ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئادالەتنى ياقلايدىغان دۆلەتلەرنىڭ قۇددۇسنى پەلەستىننىڭ پايتەختى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 6-دېكابىردا قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىپ ئامېرىكىنىڭ تېل-ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش پىلانىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى نۆۋەتچى رەئىس تۈركىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئىستانبۇلدا يىغىن چاقىردى.

يىغىندا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن سۆز قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىز ئىستانبۇلغا ئىسلامنىڭ تۇنجى قىبلىسى بولغان ۋە ئەل-ئەقسا ماكانلاشقان قۇددۇسنىڭ تارىخىي سالاھىيىتىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يىغىلدۇق.»

سۆزىدە 1947-يىلدىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىننى تامامەن ئىشغال قىلىپ بولغانلىقىنى ئېيتقان ئەردوغان مۇنداق دېدى: « تېررورچى ئەسكەرلەر 10 ياشلىق بالىلارنىمۇ نازارەت ئاستىغا ئېلىپ تۆمۈر قەپەسلەرگە سولىۋاتىدۇ، بۇ ئاز دېگەندەك كۆزلىرىنى تېڭىۋاتىدۇ، بوۋاق بالىسىنى قۇچىقىغا ئالماقچى بولغان  ئانا تاياق يەۋاتىدۇ، ئەسكەرلەر بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلماي بوۋاقنى ئانىسىنىڭ قۇچىقىدىن يۇلۇپ ئېلىۋاتىدۇ، بۇ قىلمىشنى سادىر قىلغۇچى ئىشغالىيەتچى ياكى تېررورچى بولمىسا ئۇنداقتا زادى نېمە؟ بۇنىڭ باشقىچە ئىزاھاتى بارمۇ؟»

ئامېرىكىنىڭ قۇددۇس قارارىنىڭ قانۇن جەھەتتىن ھېچقانداق كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئېيتقان ئەردوغان، د د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1980-يىلى چىقارغان قارارىدا ھېچقانداق دۆلەتنىڭ قۇددۇسقا ئەلچىخانا تەسىس قىلىش ھوقۇقىنىڭ يوقلىقىنىڭ ئەسكەرتىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ترامپنىڭ قۇددۇس قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى: «مەن دېسەملا بولىدۇ،دەپ بىر ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغان جاھان ئەمەس بۇ، دۇنيادا سىلەرلا ياشىمايۋاتىسىلەر.»

پەلەستىننى خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە كىرگۈزۈش قەدىمىنى تىزلىتىش لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، پەلەستىننىڭ خەلقئارادا دۆلەت سۈپىتىدە تولۇق ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن كۈچلۈك ئىرادىمىزنى نامايەن قىلىشىمىز لازىم، بۈگۈن بۇ يىغىندىن مۇشۇ نەتىجە چىقىشى كېرەك، ئامېرىكىنى قۇددۇس قارارىدىن بۇرانراق ۋاز كېچىشكە چاقىرىمەن، ئامېرىكا پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى تىنچلىق سۆھبەتلىرىدە ئويناۋاتقان مۇرەسسەلەشتۈرگۈچى رولىنى يوقىتىپ قويدى، شۇڭا مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بۇ جەھەتتە ئاكتىپ رول ئوينىشى لازىم ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى قۇددۇسنى پەلەستىننىڭ پايتەختى سۈپتىىدە ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر