مەجلىس ئومۇمىي كېڭىشى ئورتاق قۇددۇس خىتابنامىسى تەييارلىدى

ھەر قايسى سىياسىي پارتىيە گۇرۇپپىلىرى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) ئومۇمىي كېڭىشىدە، ئامېرىكانىڭ قۇددۇسنى ئىسىرائىلىيە پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىش پىلانىغا قارشى ئورتاق خىتابنامە تەييارلىدى.

مەجلىس ئومۇمىي كېڭىشى ئورتاق قۇددۇس خىتابنامىسى تەييارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى، ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى، خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيەسى پارتىيەسى ۋە مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئورتاق خىتابنامە تەييارلىدى. خىتابنامىدە، قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغانلىقى، ب د ت قارارلىرىغا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

قۇددۇسنىڭ ئۈچ ساماۋى دىن ئارىسىدا ھەققانىيەتنى ئاساس قىلغان ئەركىنلىك ۋە تىنچلىقنى تەلەپ قىلغان ئوتتۇرا شەرقنىڭ يۈرىكى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن خىتابنامىدە: «قۇددۇس تۇنجى قىبلىمىز بولۇپ، ھەرەمى شەرىف ۋە ئۈچ ساماۋى دىننىڭ مۇقەددەس ماكانلىرى بىلەن بىرلىكتە، تارىخى، مەدەنىيەت ۋە دىنىي كىملىكىنى قازانغان؛ بۇ خۇسۇسىيىتى بىلەن، دۇنيا ئېسەنلىكىنىڭ كۆز قارىچۇقىغا ئايلانغان شەھەردۇر. قۇددۇسنىڭ بۇ ئالاھىدە سالاھىيىتىگە ئىگە چىقىش، قوغداش، بارلىق راڭدارلىقى بىلەن تىنچلىق ئىچىدە دۇنيانى ھەقىقەتكە ئايلاندۇرۇش نۇقتىسىدىن ھاياتىي مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، قۇددۇسنى مەركەز قىلغان ئوتتۇرا شەرق جۇغراپىيەسىدە، بىر قاتار ئىنسانىي، ئەخلاقىي ۋە سىياسىي پاجىئەلەر يۈز بەردى» دېيىلدى.

خىتابنامىدە، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ، ئەمەلىيەتتە ئىنسانلىق مەسىلىسى ئىكەنلىكى ۋە ھازىرمۇ بارلىق تىنچلىق يوللىرىدا كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىقلار بىلەن بىرلىكتە، بۇلارنى ۋەيران قىلىدىغان، ھۇجۇم خاراكتېرلىك سىياسەتلەر سەۋەبىدىن ئىنسانىيەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى ئورنىنى قوغداپ كەلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

خىتابنامىدە، 1947-يىلدىن بېرى ب د ت نىڭ ھەممە قارارلىرىدا قۇددۇسنىڭ ئىسىرائىلىيە ھاكىمىيىتى ئاستىدا بولۇشىنىڭ قوبۇل قىلىنمىغانلىقى، 1976-يىلى ئىسىرائىلىيە شەرقىي قۇددۇسنى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىنمۇ، ب د ت نىڭ ئىسىرائىلىيەنى قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىدىغان ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرىق قىلغانلىقى خاتىرىلىتىلدى ۋە مۇنداق دېيىلدى:

«ئىسىرائىلىيەنىڭ 1980-يىلدىكى قۇددۇسنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىش قارارى، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەن. بۇ مەسىلىدە، ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق قارارلىرىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكى توغرىسىدا قارار چىقىرىلغان. بۇ قاراردا يەنە، ئىسىرائىلىيەدىكى چەت ئەل ئەچىخانىلىرىنىڭ قۇددۇستا تەسىس قىلىنمايدىغانلىقىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. ئىسىرائىلىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى بۇ نۇقتىلارنى چىقىش قىلىپ خۇلاسىلىگەن، قۇددۇسنى پايتەخت قىلىش ھەرىكەتلىرىگە نىسبەتەن بۈگۈنگىچە بەلگىلىك ئارىلىق قالدۇرغان ئامېرىكانىڭ، بۇ قېتىم قوللاشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ناھايىتى ئاسانلا بىلىۋالغىلى بولىدىغان پوزىتسىيەسىنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، رايوننى تىنچلىققا ۋە مۇقىملىققا ئىگە قىلىش ئاساسىدا مەسىلىگە كېلىشتۈرمىچى بولۇش سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلغان، دۇنيا خەلقىگە ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى بۇ شەكىلدە چۈشەندۈرگەن ئامېرىكانىڭ بۈگۈنكى ھالىتى، رايوندا بىر قاتار ئۆزگىرىشلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ، توقۇنۇش پەيدا قىلىدۇ ۋە يېڭى ئىنسانىي پاجىئەلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولىدۇ.

ھازىرغىچە پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆرسىتىلىۋاتقان تىنچلىقنى ياقىلايدىغان تىرىشچانلىقلار، چوقۇمكى بۇ ھەرىكەتنىڭ چوڭ زەربىسىگە ئۇچرايدۇ، ئوتتۇرا شەرقتە بىر قاتار مۇقىمسىزلىقلار يۈز بېرىدۇ. ئىسىرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا ئادىل، ئۇزۇن مۇددەتلىك، تەڭپۇڭلۇققا ئىگە، تارىخىي ۋە مەنىۋى بايلىقلارغا رېئايە قىلىدىغان تىنچلىق ئەمەلگە ئاشماي تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ خاتىرجەم ۋە سالامەت ياشىيالىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك.

بۇ خىل قوبۇل قىلىش قەتئىي مۇمكىن بولمايدىغان ئۆزگىرىشلەرگە نىسبەتەن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن 80 مىليون نوپۇس ئىچىدىكى ھەر بىر ئەزانىڭ، ب د ت قارارلىرىغا خىلاپلىق قىلغان، قۇددۇسنىڭ تارىخىي سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان ئۇرۇشقاق خاراكتېرىدىكى ھەرىكەتلەرنى كەسكىن ۋە تالاش-تارتىشسىز ھالدا رەت قىلىش ئىرادىسىنى، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بىلدۈرىمىز ۋە جاكارلايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر