تۈركىيە ناتو مانىۋېرى جەريانىدا يۈز بەرگەن شەرمەندىچىلىككە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

ناتو دائىرىلىرى يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە تۈركىيەدىن ھەم يازما، ھەم بايانات شەكلىدە كەچۈرۈم سورىدى.

تۈركىيە ناتو مانىۋېرى جەريانىدا يۈز بەرگەن شەرمەندىچىلىككە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيە باش ئىشتابى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسىملىرى مانىۋېرى جەريانىدا، يۈز بەرگەن شەرمەندىچىلىكنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. 
تۈركىيە ئارمىيە باش ئىشتابى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، نورۋېگىيەدىكى ناتو ئورتاق چەڭ مەزكىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «TRIDENT JAVELIN» ناملىق ناتو مانىۋېرىنىڭ ئاخىرىقى قىسمىدا يۈز بەرگەن ۋەقەگە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.  
مانىۋېردىكى دۈشمەن قىسىملار دۆلەت رەھبەرلىرى رەسىملىرى ئارىسىغا مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ رەسىمىنىڭ قويۇلغانلىقى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇدا تارقىتىلغان مانىۋېرنىڭ تەپسىلىي كۆرۈنۈشسلىرىدە بولسا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئوردوغان نامىدا يالغان ھېساب ئېچىلىپ، «دۈشمەن قىسىم رەھبىرىنىڭ قوللىغۇچىسى» دېگەن سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى. 
يۈز بەرگەن ۋەقەنى قەتئىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، ناتو ھەربىي دائىرىلىگە ھەم يازما، ھەم بايانات شەكلىدە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈلگەنلىكى ھەمدە بۇ مانىۋېرغا ئىشتىراك قىلغان تۈركىيە قىسىملىرىنىڭمۇ مانىۋېردىن دەرھال چېكىندۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.  
بۇ ئارىلىقتا ناتو دائىرىلىرىمۇ يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ قاتتىق ئەپسۇسلىنارلىق بولغانلىقىنى ۋە قەتئىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، ھەم يازما، ھەم بايانات شەكلىدە تۈركىيەدىن كەچۈرۈم سورالغانلىقىنى تەكىتلىدى
ھەربىي مەنبەلەر ۋەقەنىڭ خۇسۇسىيلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئىشنى سادىر قىلغان 2 ئەسكەرنىڭ ۋەزىپىسدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر