خۇلۇسى ئاقار نورۋېگىيەدىكى سەتچىلىكنى كەڭ دائىرىلىك تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

ئەنقەرە جۇمھۇرىيەت تەپتىش مەھكىمىسى نورۋېگىيەدىكى شەرمەندىچىلىككە قارىتا دېلو تۈرغۇزۇپ تەكشۈرۈش باشلىدى.

خۇلۇسى ئاقار نورۋېگىيەدىكى سەتچىلىكنى كەڭ دائىرىلىك تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن، ناتو مانىۋېرىدا يۈز بەرگەن شەرمەنچىلىكنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 
ئىبراھىم كالىن ئىجتىمائىي تاراتتۇ ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «بۇ ۋەقەنى ئەڭ قاتتىق ئەيىبلەيمىز، بۇنىڭ ھېچ قانداق ئىزاھات بېرىلىدىغن تەرىپى يوق» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى. 
ئىبراھىم كالىن باياناتىدا، ۋەقە ھەققىدە كېرەكلىك قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشىنى يېقىندىن تەقىب قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 
بۇ ئارىلىقتا ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال خۇلۇسى ئاقار كانادادا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ بىلەن كۆرۈشتى. 
تۈركىيە ئارمىيە باش ئىشتابى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ناتو باش كاتىپىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتا، سىتولتېنبېرگنىڭ ناتو مانىۋېرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەگە قارىتا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى نامىدىن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى، ۋە بۇ ھەقتە نورۋېگىيەدە رەسمىي تەكشۈرۈش باشىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاندىنمۇ ئالاھىدە كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى قويت قىلىندى. 
تۈركىيە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال خۇلۇسى ئاقارمۇ تەكشۈرۈش پەقەت ۋەقەنى سادىر قىلغۇچى كىشىلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى ئەتراپلىق ۋە كەڭ دائىرىلىك بولۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى. 
بۇ ئارالىقتا خەلقئارا «Halifaks» خەۋسىزلىك مۇنبىرى يىغىنى ئۈچۈن كانادا زىيارەتتە بولۇۋتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرىچى ئۆمەر چەلىكمۇ ناتونىڭ باش كاتىبى ستولتېنبېرگ بىلەن كۆرۈشتى. 
ئۆمەر چەلىك ناتو مانېۋېرىدىكى سەتچىلىككە قارىتا تۈركىيەنىڭ نارازىلىقىنى ستولتېنبېرگقا يەتكۈزدى. ستولتېنبېرگ ئۆمەر چەلىككە بۇ ۋەقەدىن قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى تەكرارلىدى. 
بۇ شەرمەندىچىلىك خەلقئارا «Halifaks» خەۋسىزلىك مۇنبىرى يىغىنىنىڭ تۈنجى بۆلىمىدىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلدى. 
مۇنبەر يىغىنىڭ تۈنجى بۆلۈمىگە قاتناشقان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ ۋەقەدىن كېيىنرەك خەۋەر تاپقانلىقىنى، بۇنىڭ بىر خاتلىق ئىكەنلىكىنى ۋە ۋەقەدىن خەۋەر تېپىپ، شۇ ھامانلا مەسۇل كشىلەرنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. 
ۋەقەدىن كېيىن دەرھال يازما بايانات ئېلان قىلغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇغا تېلېفون قىلغانلىقىنى، تۈركىيە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال خۇلۇسى ئاقار بىلەنمۇ «Halifaks»تا كۆرۈشۈپ، ئېلان قىلغان باياناتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. 
جېنس ستولتېنبېرگ مۇنبەر يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئاچقۇچلۇق ئىتتىپاقداشلاردىن بىرسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. تۈركىيەنىڭ پەقەتلا ناتو ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بارلىق قوشنا رايونلار ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.  
تۈركىيە چېگرا دائىرىلىرىنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ناتونىڭ چېگرا دائىرىسى ھېسابلىنىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرۈپ، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئېيتتى.  
بۇ ئارىلىقتا نورۋېگىيەدىكى شەرمەندىچىلىككە قارىتا ئەنقەرە جۇمھۇرىيەت تەپتىش مەھكىمىسى دېلو تۈرغۇزۇپ تەكشۈرۈش باشلىدى. 


 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر