ئەردوغان: دائېشنى كىم ئىجاد قىلغان بولسا، پ ي د نى قۇرغانمۇ شۇدۇر

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئافرىننىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ رايوندىكى گۇماشتىسى پ ي د / ي پ گ دىن خالىيلاشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

849679
ئەردوغان: دائېشنى كىم ئىجاد قىلغان بولسا، پ ي د نى قۇرغانمۇ شۇدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مەركىزىي بىناسىدا چاقىرىلغان ۋىلايەت دەرىجىلىك شۆبە باشلىقلىرى كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا سۆز قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئافرىننى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇپ، ئۇ يەردىكى كۆزىتىش نۇقتىلىرىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرىدىغان بىر ئامىلغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە «مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇرمىز. ئىتتىپاقداشلىق ئىچىدە ئاسانلا ھەل قىلغىلى بولىدىغان كۆپلىگەن مەسىلىلەر ئامېرىكا تەرىپىدىن چىقماس نۇقتىغا ئىتتىرىلدى» دېدى.

راققە بىلەن مۇنبىچتە ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش تەكلىپىنىڭ سۇنغان بولۇشلىرىغا قارىماي، ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش يولىنى تاللىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، ئامېرىكىنىڭ مۇنبىچتە پ ي د، ي پ گ قالمايدۇ دېيىلگەن بولۇشىغا قارىماي، بۇ ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى، ئوخشاش سەنەمگە ئافرىندا ئۇسسۇل ئوينىمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «تۈركىيەنىڭ دائېش ۋە پ ي د غا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە پالتا ئۇرۇۋاتقان ئامېرىكىنىڭ نېمە قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىمىز، دەپ ئويلايمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان سۆزى جەريانىدا تېررورچىلارنىڭ ئارقىسىدىكى كۈچلەرگە ئىشارەت قىلغان ھالدا، «دائېشنى كىم ئىجاد قىلغان بولسا، پ ي د نى قۇرغانمۇ ئۇدۇر. پ ي د نى ئالدى پىلانغا چىقارغان كىم بولسا، شىمالىي ئىراق دائىرىلىرىنى مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشقا ئىتتىرگەنمۇ ئۇدۇر. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئۆز مۇھاپىزەت قالقىنى ئاستىدا زورايتقانلارنىمۇ ئۇنتۇماسلىق لازىم. دائېش ۋە پ ي د نىڭ راققەدە قولمۇقول تۇتۇشۇشلىرىغا چوڭقۇر سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. سۇرىيە دېموكراتىك كۈچلىرىنى ھېچكىم بىزگە بىر دېموكراتىك قۇرۇلما سۈپىتىدە كۆرسەتمىسۇن، ئىسمى دېموكراتىيە، ئۆزى تېررورلۇق تەشكىلاتىدۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر