«İHH» سۈرىيەدە 10 ئايدا 370 مىليون نان تارقىتىپ بەردى

«İHH» سۈرىيەدىكى بەزى تان زاۋۇتلىرىغا ئۇن ياردىمى قىلدى.

«İHH» سۈرىيەدە 10 ئايدا 370 مىليون نان تارقىتىپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىنسان ھەق ۋە ھۆررىيەتلىرىنى قوغداش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندىي جەمئىيىتى «İHH» سۈرىيەدە مۇشۇ 10 ئاي ئىچىدە 370 مىليون نان تارقىتىپ بەردى.

ئىنسان ھەق ۋە ھۆررىيەتلىرىنى قوغداش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندىي جەمئىيىتى «İHH»نىڭ سۈرىيە خىزمەت بۆلىمى/ ھاتاي سۆبىسى ئاخبارت ئىشلىرى مەسئۇلى سەلىم توسۇن ئېلان قىلغان باياناتىدا، سۈرىيەدىكى ئائىلىلەرگە ئۇلارنىڭ تاماق ئەنئەنىسىگە ماس نانلارنى تەييارلاپ يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. 

سۈرىيەدىكى بەزى نان زاۋۇتلىرىغا ئۇن ياردەم قىلغانلىقىنىمۇ تەكىتلىگەن سەلىم توسۇن، «ھاتاينىڭ رەيھانلى ناھىيەسىدىكى ئارقا سەپ تەمىنات مەركىزىدە قۇرۇلغان نان زۇۋۇتلىرىدا تەييارلانغان نانلارنى سۈرىيەلىك ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىۋاتىمىز. مۇشۇ 10 ئاي ئىچىدىلا تەخمىنەن 370 مىليون ناننى ھۇمۇس، ھاما، ئىدلىب،، دەمەشىق، ھەلەب ۋە ئەتراپىدىكى يېزا - قىشلاقلاردىن باشقا يەنە، تۈركىيە چېگراسىغا يېقىن لاگېرلارغىمۇ يەتكۈزۈپ بەردۇق» دېدى.

سەلىم توسۇن سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئائىلىلەرگە قىلىۋاتقان ياردەملىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر