BARCLAYSتۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچىرىنى يۈكسەلدۈردى

دۇنياغا داڭلىق پۇل – مۇئامىلە شىركىتى BARCLAYSتۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچىرىنى يۈكسەلدۈردى.

BARCLAYSتۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچىرىنى يۈكسەلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى ئەنگلىيەگە جايلاشقان، ياۋروپا، ئاسىيا، ئامېرىكا ۋە 60 قا يېقىن دۆلەتتە ئۇدا 300 يىلدىن بۇيان بانكىچىلىق ۋە پۇل – مۇئامىلە ساھەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ  Premier  لىگىنىمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاۋاتقان دۇنياغا داڭلىق پۇل – مۇئامىلە شىركىتى  Barclays تۈركىيەنىڭ 2017 – ۋە 2018 – يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچىرىنى يۈكسەلدۈردى.

شىركەت ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە پۇل – مۇئامىلە سىياسىتى، يۈكسەك سەۋىيەدىكى ئېكسپورتىنىڭ تەسىرىدە ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى  مۆلچىرىنى % 5.2 تىن % 5.9 كە، 2018 – يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچىرىنى % 3.8 دىن % 4.1 كە يەتكۈزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر