تۈركىيە ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئافغانىستاننىڭ قەندەھار شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئەيىبلىدى.

830480
تۈركىيە ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە قېرىنداش ئافغانىستان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز.»

قەندەھار شەھىرىدىكى بىر ھەربىي بازىدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا 43 ئەسكەر ئۆلگەن، 9 ى يارىلانغان، 10 زوراۋان ئۆلتۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر