ئەردوغان بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا مىللىي ئاز سانلىقلار كېڭىشىنىڭ باشلىقىنى قوبۇل قىلدى

سېربىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا مىللىي ئاز سانلىقلار كېڭىشىنىڭ باشلىقى سۇلېجمان ئۇگۇلجاننى قوبۇل قىلدى.

ئەردوغان بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا مىللىي ئاز سانلىقلار كېڭىشىنىڭ باشلىقىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قوبۇلدىن كېيىن بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا مىللىي ئاز سانلىقلار  كېڭىشىگە خىتاب قىلغان ئەردوغان، سانجاق ئاھالىسى ۋە سېربىيەدىكى ئاز سانلىق بوشناقلارنى پەقەت يېقىن ئۇرۇق - تۇغقان دەپلا قارىمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

بوشناقلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى ياۋروپا ئەللىرىدىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان قانۇن – بەلگىلىمىلەردىن بىرىگە ئىگە بولغان سېربىيەنىڭ قانۇن – بەلگىلىمىلىرى ۋە ئاساسىي قانۇنى دائىرىسىدە ئىزدەش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلغان ئەردوغان،  بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا مىللىي ئاز سانلىقلار كېڭىشىنىڭ باشلىقى سۇلېجمان ئۇگۇلجاننىڭ بۇ ھەقتە كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىغا يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

تۈركىيەنىڭ سانجاقتىكى سېلىنمىلىرىنى كۆپەيتىش يولىدا قەدەم تاشلىنىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنى تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، بېلگرادتا چاقىرىلغان سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىدىمۇ بۇ ھەقتە توختالغانلىقىنى، تۈرك سودا – سانائەتچىلەرنىڭ سېربىيەگە تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىشىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى، سەھىيە، مائارىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردە ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى بىلەن تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر باشقارمىمىزنىڭ سېربىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىشلەۋاتقان سەھىيە، تارىخىي يادىكارلىقلارنى رېمۇنت قىلىش خىزمىتى، مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردە ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقان لايىھەلىرى ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. سېربىيە دائىرىلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىمىزدا، سېربىيەدىن 5 مىڭ توننا گۆش ئىمپورت قىلىش يولىدا قەدەم تاشلىدۇق. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ھەم ياغاچ ماتېرىياللىرى ھەم ئۆي جاھازلىرى ئېكسپورت قىلىش توغرۇلۇق كېلىشىم ئىمزالىدۇق. بۇ يەردە ئۆي جاھازلىرى زاۋۇتى قۇرۇش مەسىلىسى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق.»

رايوندا ئۆي جاھازلىرى زاۋۇتى قۇرۇش ئارقىلىق ياشلارغا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش، ھەتتا تۈركىيە ۋە ياۋروپاغا ئۆي جاھازلىرى ئېكسپورت قىلىشنى تەشۋىق قىلىش ئېھتىماللىقلىرىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، زىيارىتى جەريانىدا بىر قىسىم ھەمكارلىق كېلىشىم لايىھەلىرىنىمۇ ئىمزالىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى ھەمدە تەرەققىيات ۋە مەدەنىيەت لايىھەلىرىنىڭ سانجاق ۋە نوۋى بازار ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىنى تىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر