جامائەت ئەربابلىرى ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيەدىكى جامائەت ئەربابلىرى  ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى.

جامائەت ئەربابلىرى ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەن شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ رايونلىرىدىن بەزى جامائەت ئەربابلىرى ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ 25 – سېنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزگەن قانۇنسىز مۇستەقىللىق رېفېراندۇمىنىڭ ھەرگىزمۇ رايوندىكىلەرگە پايدىلىق ئەمەسلىكى، بۇنىڭ رايوندا سۇيىقەستلىك پىلانلارنى تۈزۈۋاتقانلارنىڭ ئويۇنى ئىكەنلىكى توغرۇلۇق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

ۋان ئەرتۇشى قەبىلىسىنىڭ رەئىسى ئىسكەندەر ئەرتۇش، ۋان كۈرەسۈننى قەبىلىسىدىن مۇستافا قاچماز، شىرناق تاتار قەبىلىسىنىڭ رەئىسى ئاسلان تاتار، شىرناق گويان قەبىلىسىنىڭ رەئىسى ھانىم بابات، ماردىن قەھرىمانلار قەبىلىسىنىڭ رەئىسى ھادى قەھرىمان قاتارلىقلار جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، قوشمان باياننامىنى ئوقۇدى.

ئەرتۇش قەتئىي ئىرادىسى سايىسىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك نىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈركىيەگە قىلغان ئەسكىلىكلىرى ۋە رايون ئاھالىسىغا سالغان زۇلۇملىرىغا خاتىمە بەرگەنلىكى ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقتە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى قوللايدىغانلىقىمىزنى، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىمىز، قېرىنداشلىقىمىز ۋە ئورتاق كېلەچىكىمىزنى چىقىش نۇقتا قىلغان ئاساستا بىر گەۋدىلىشىشنى خالايدىغانلىقىمىزنى ئەڭ كۈچلۈك ۋە روشەن ھالدا نامايەن قىلدۇق. خەلقىمىز، بايرىقىمىز، ۋەتىنىمىز ۋە دۆلىتىمىزنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقىمىزنى ھەم جان تىكىپ قوغدايدىغانلىقىمىزنى، بۇ قىممەت ئۆلچەملىرىمىزگە يۈزلەنگەن تەھدىتلەر ۋە ھۇجۇملارنى ئەسلا قوبۇل قىلمايدىغانلىقىمىز ھەم قارشى چىقىدىغانلىقىمىزنى، زۆرۈر تېپىلغاندا، بۇنداق ئۇرۇنۇشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جېنىمىزدىن ۋاز كېچىدىغانلىقىمىزنى جۇمھۇر رەئىسىمىزغا ئىزھار قىلدۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر