ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ تېررورچىلار ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇرلارنى بەردى

سۇلايمان سويلۇ: «تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى مۇغلا، فەتھىيە، كۆيجەغىز قاتارلىق ساياھەت راونلىرىمىزغا سوقۇنۇپ كىرىشكە تىرىشماقتا» دېدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ تېررورچىلار ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇرلارنى بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ تۈركىيەگە سوقۇنۇپ كېرىشنىڭ يېڭى يوللىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

سۇلايمان سويلۇ مۇغلانىڭ كۆيجەغىز ناھىيەسىدە بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرى ئوتتۇرىسدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش ئۈستىدە توختىلىپ: «تېررورلۇق تەشكىلاتى ئاخىرىقى چارە سۈپىتىدە ئىراقنىڭ شىمالىدىن، ئىراندىن ۋە ئافرىندىن تۈركىيەگە سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغاندىن كېيىن، ئەمدلىكتە باشقا يول ئىزدەشنىڭ كويىغا چۈشتى. تەشكىلاتنىڭ كاتىۋاشلىرىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن ئەزالىرى سۈرىيەنىڭ پورت شەھىرى لازىقىيە ئارقىلىق ئاق دېڭىز ۋە ئەگە دېڭىزىغا كېلىپ، ئۇيەردىن مۇغلا، فەتھىيە، كۆيجەغىز قاتارلىق ساياھەت راونلىرىغا سوقۇنۇپ كىرىشكە تىرىشماقتا» دېدى.

سۇلايمان سويلۇ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) ئىچكى ئىشلار كومىتېتى يىغىنىدا ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنىڭ كۆيجەنغىزدىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بۇ يېڭى يولىنى توسۇش ئۈچۈن ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرىمىز جىددىي ھەرىكەتلەرنى قىلماقتا. تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يولىنى توسىشىمىزغا ئەگىشىپ، ئالدىمىزغا يېڭى تەھدىتلەر بىلەن چىقماقتا» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر