يىغىن ئەھلى ئەردوغانغا نوبېل تىنچلىق ماكاپاتى بېرىشنى چاقىرىق قىلدى

خەلقئارا مۇپەتتىشلەر يىغىنىنىڭ ئىشتىراكچىلىرى دۆلىتىمىز جۇمھۇ رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىشنى چاقىرىق قىلدى.

814631
يىغىن ئەھلى ئەردوغانغا نوبېل تىنچلىق ماكاپاتى بېرىشنى چاقىرىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 25-سېنتەبىر ئىستانبۇلدا باشلانغان خەلقئارا مۇپەتتىشلەر يىغىنى «ئىرقىي ئايرىمىچىلىق، چەت ئەللىكلەرگە دۈشمەنلىك قىلىش ۋە نەپرەتلىنىش» تېمىسىدا داۋام قىلماقتا. يىغىن ئىشتىراكچىلىرى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا، «ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسى ۋە مەزلۇملارنىڭ يۈكسەلگەن ئاۋازى بولۇشى» سەۋەبىدىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىش كېرەكلىكى توغرىسىدا چاقىرىق ئېلان قىلدى.

يىغىن ئىشتىراكچىلىرى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا، «كۈچلۈكنىڭ ئاجىزنى ئىزىۋاتقان دۇنيا تەرتىپىگە قارشى قىلغان كۈرىشى، ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىلىرى ۋە ئاجىزلارنىڭ يۈكسەلگەن ئاۋازى بولغانلىقى» سەۋەبىدىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر