تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراق چېگراسىدىكى مانېۋىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ 18 - سېنتەبىردە باشلانغان شىرناقنىڭ سىلوپى ناھىيەسىدىكى ھابۇر چېگرا ئېغىزى ئەتراپىدىكى مانېۋىرى داۋام قىلماقتا.

813011
تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراق چېگراسىدىكى مانېۋىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق – تۈركىيە چېگراسىدىكى ھابۇر چېگرا ئېغىزىغا 3 كىلومېتىرچە يىراقلىقتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرى بېكىتىنىڭ ئۇدۇلىدا داۋاملىشىۋاتقان مانېۋىر يەتتىنچى كۈنىنى ئارقىدا قالدۇردى. مانېۋىر تۈنۈگۈن زاپاس قىسىملارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقىرىلدى.

ئەسكەرلەر تۇنجى قېتىم بىرونېۋىكلاردىن چۈشۈپ، مىنالىق رايوندا چارلاش ئېلىپ باردى؛ بىخەتەر رايون تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، بىرونېۋىكلار ئۆتكۈزۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر