كالىن: بۈگۈنگىچە ئۇرۇشتىن قورال شىركەتلىرى پايدا ئېلىپ كەلدى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن تۈركىيەنىڭ دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە ئۇرۇش يۈز بېرىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كالىن: بۈگۈنگىچە ئۇرۇشتىن قورال شىركەتلىرى پايدا ئېلىپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتچى ئىبراھىم كالىن خۇسۇسىي بىر رادىيودا تارقىتىلىدىغان پىروگراممىغا قاتنىشىپ، كۈنتەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى. ئۇ ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكچىلىكلەر ھەققىدە: «بىز دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە ئۇرۇش يۈز بېرىشىنى خالىمايمىز، ئادەتتىكى ئۇرۇش بولسۇن ياكى يادرو رىقابىتى شەكلىدە بولسۇن ۋەياكى رايونلۇق ۋە دۇنياۋى خاراكتېرلىك بولسۇن، دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە ئۇرۇشنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقىغا، خاتىرجەملىكىگە پايدىلىق ئەمەسلىكىگە ئىشىنىمىز» دېدى.

ئۇ دۇنيا بويىچە ھەممە كىشىنىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشقا قارشى پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ نۇقتىدا قەتئىي بولۇش كېرەك. يادرو قورالىغا ئىگە دۆلەتلەر <يادرو قورالىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېلىشىمى> دائىرىسىدە زىممىسىگە چۈشكەن ۋەزىپىسىنى يېتەرلىك ئادا قىلمايۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ: «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قورال ئىشلەپچىقارغۇچى بەش دۆلەتنىڭ يادرو قورالسىزلىنىش توغرىسىدا چاقىرىق ئېلان قىلىشى قانچىلىك سەمىمىي؟» دېگەن سوئالغا: «دۇنيانىڭ قايسى جايىدا ئۇرۇش ئېھتىمالى يۇقىرى كۆتۈرۈلسە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك: بۇ يەردە كىم، قانداق پايدا ئالىدۇ؟ ناھايىتى ئەپسۇسكى، بۈگۈنگىچە قورال-ياراغ شىركەتلىرى ھەر قاچان ئۇرۇشتا پايدا ئېلىپ كەلدى» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ ئىراق كۈرت (كورد) رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى توغرىسىدىمۇ توختالدى. ئۇ: «بىزنىڭ بۇ رېفېراندۇمغا قارشى تۇرۇشىمىزنىڭ ئاساسىي سەۋەبى، ئىراقىڭ زېمىن ۋە سىياسىي جەھەتتىكى بىر پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتۇر. بىز بۇ يەردە ئىراقتىكى كۈرتلەرگە، سۈرىيەدىكى كۈرتلەرگە ياكى باشقا جايدىكى كۈرتلەرگە قارشى ھەر قانداق سەلبىي قارشىمىز يوق» دېدى.

ئۇتېررورلۇققا قارشى تېررورىستلار چۈشىنىدىغان مەزمۇندا قەتئىيلىك بىلەن كۈرەش قىلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ كۈرەشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: مۇنداق دېدى:

«مەزكۇر مەسىلىدە، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىز، ساقچى ئورگانلىرىمىز، قوراللىق ساقچى قىسمىمىز، ئارمىيەمىز تولۇق ماسلىشىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرماقتا.»

ئۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى توغرىسىدىمۇ توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيەدە قانۇننىڭ مۇقەددەسلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر بار دېگەنلەرگە، سوت مەھكىمىلىرىمىزنى كۆزىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. بەزى سوت مەھكىمىلىرىگە يۈگرەپ بارغان ياۋروپا تەشكىلاتلىرى ياكى تاراتقۇلارنىڭ قانچىسى 15-ئىيۇل ھەققىدە ئېچىلغان سوتنى نازارەت قىلىشقا باردى، ياكى بېرىۋاتىدۇ؟ ئۇلار كەلسە ئىشكىمىز ھەر قاچان ئوچۇق، ھەيئەت بولۇپ كەلسىمۇ ھېچنىمە بولمايدۇ، بىز بۇنىڭدىن مەمنۇن بولىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر