تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سېتىۋېلىشى ۋە غەربنىڭ ئېتىرازلىرى

«تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ، «تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سېتىۋېلىشى ۋە غەربنىڭ ئېتىرازلىرى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سېتىۋېلىشى ۋە غەربنىڭ ئېتىرازلىرى

تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سېتىۋېلىشى ۋە غەربنىڭ ئېتىرازلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە ھاۋا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، رۇسىيەدىن S-400 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سېتىۋېلىشنى ئويلاشماقتا. بۇ ئەھۋالغا تۈركىيەنىڭ غەربلىك ئىتتىپاقداشلىرى نارازىلىق بىلدۈرمەكتە. بۇ جەھەتتە تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، «تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ، «تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سېتىۋېلىشى ۋە غەربنىڭ ئېتىرازلىرى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىمىزدا بولسۇن!

* * * * *

سۈرىيەدىكى قالايمىقانچىلىق ۋە توقۇنۇشنىڭ ئىچكى ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىشى، ئىراق ۋە سۈرىيەدە دائېش ۋە پ ك ك غا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەۋجۇدىيىتى، قوشنا رايونلاردىكى كىرىزىس مۇمكىنچىلىكلىرى، تۈركىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ھەققىدە ئويلىنىشىغا ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار پائالىيەتلىرىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇشىغا سەۋەب بولدى. قوشنا رايونلاردىكى ئېغىر خەۋپلەر، تۈركىيەنىڭ راكېتامىيوت ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرى شۇنداقلا خىمىيەلىك قوراللارغا قارشى ھەر خىل چارە – تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشىنى تەخىرسىز ھالغا كەلتۈردى. نۆۋەتتە، تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سىياسىتىنى ئاساسلىقى مۇشۇ خىل قايغۇ، مۇشۇنداق ئەندىشىلەر بەلگىلىمەكتە.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتوغا ئەزا تۈركىيە، سۈرىيە كىرىزىسى تۈپەيلى باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ناتونىڭ ۋەتەنپەرۋەر ناملىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى تۈركىيەگە ناھايىتى كېچىكىپ كەلتۈرۈلدى. ئىسپانىيە بىلەن ئىتالىيەدىن باشقا دۆلەتلەر باتارىيەلىرىنى پۇرسىتىنى تېپىپلا يۆتكەپ كېتىشتى. نۆۋەتتە پ ك ك / پ ي د / ي پ گ نىڭ قولىدا ناتو مەنبەلىك ئېغىر / يېنىك تىپلىق قوراللار بار. ناتونىڭ قوراللىرى ئىچىدىكى ھەربىي پارتلاتقۇچلار تېررورچىلار تەرىپىدىن ئىستانبۇلنىڭ مەركىزىدە ئىشلىتىلدى. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى قانلىق ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە قارىتا غەرب ئەللىرى جىددىي دېگۈدەك نارازىلىق بىلدۈرمىدى. مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار تۈركىيەنىڭ مەجبۇرىي ھالدا تەڭداش يوللارنى ئىزدىشىگە تۈرتكە بولدى.

رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ باھاسىنى تۆۋەنلىتىشى، تۈركىيە – رۇسىيە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە غەربلىك ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ھالقىلىق مەسىلىلەردە تۈركىيەگە ھەمنەپەس بولماسلىقى دېگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلى، نۆۋەتتە رۇسىيەنىڭ S-400 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى تۈركىيە ئۈچۈن تۇنجى تاللاش بولماقتا. غەرب ئەللىرىنىڭ، تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن S-400 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سېتىۋېلىش پىلانىغا قارىتا قاتتىق ئەيىبلەش ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنىڭ سالمىقى يېقىنقى ھەپتىلەردە خېلىلا ئېغىرلاشتى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال، بۇنىڭدىن پەقەت بىر قانچە يىل ئىلگىرى تۈركىيە بىر خىتاي شىركىتى بىلەن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە باشلىغاندىمۇ يۈز بەرگەنىدى.

تۈرك ئەمەلدارلارنىڭ ئەتراپلىق تېخنىكىلىق باياناتلىرى، S-400 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ ناتو ئۈچۈن خەۋپسىزلىك بوشلۇقى ياراتمايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. تۈركىيەنىڭ غەربلىك ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئېتىرازلىرىنىڭ تۈپ سەۋەبى، تېخنىكىلىق بولۇشتىنمۇ بەكرەك سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگىدەك قىلىدۇ. چۈنكى، يەنە شۇ غەربلىك ئىتتىپاقداشلار، گىرېتسىيە رۇسىيەدىن سېتىۋالغان S-300 لەرنى ئۆزىنىڭ مىللىي ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىغا ماسلاشتۇرۇشنى قارار قىلغاندا ۋە «ئاق بۈركۈت-2013» ھەربىي مانېۋىرى ئەسناسىدا، S-300 لەرنى ئىشلەتكەن چاغدا بۇنداق ئېتىرازلارنى بىلدۈرمىگەنىدى.

تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن S-400 سېتىۋېلىشى، تۈركىيەنى باشقۇرۇۋاتقانلار قانچە قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەندەك، جىددىي ھەرىكەت ئېھتىياجىنى قامداشنى نىشان قىلىدىغان بىر قەدەم. يېقىنقى مەزگىللەردە تۈركىيەنىڭ ناتو ۋە بولۇپمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تاشقى سىياسەت ۋە ھەربىي بىخەتەرلىك مەنپەئەتلىرى ۋە ئالدىنقى پىلاندىكى ئىشلىرىنىڭ بىر – بىرىگە ماس كەلمەيۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇملۇق بىر ھەقىقەت. يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى مەۋجۇت ياخشى مۇناسىۋەتلەرمۇ بىر كۈنى بۇزۇلۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە مېتودلىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشى ئۆزى ئۈچۈن نورمال ئەھۋال. تۈركىيەنىڭ قوشنا رايونلاردىن كەلگەن ئوچۇق ۋە يېقىن تەھدىتلەرگە قارىتا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، تۈركىيەنىڭ ئۆزىنى بىر ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بىلەن قوراللاندۇرۇشىغا نورمال قاراش لازىم. بۇ پەقەت قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چوڭ تەمىنلىگۈچى تەرەپلەردىن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىقلا مۇمكىن بولىدۇ. سانى دېگەندەك كۆپ بولمىغان چوڭ تەمىنلىگۈچى تەرەپلەرنىڭ غەربكە مەنسۇپلىرى، تۈركىيە بىلەن تېخنولوگىيە ئالماشتۇرۇشقا رۇخسەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، تۈركىيەنىڭ قولىدا رۇسىيە بىلەن خىتايدىن باشقا تاللاش يولى قالمايدۇ. ئەلۋەتتە بۇ، قىسقا مەزگىللىك بىر چارە. ئۇزۇن مەزگىلدە تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىنىڭ ئۆزىنى ئىلغار پەن – تېخنىكىلىق ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىگە كۆتۈرۈشى ۋە تۈركىيەنىڭ بۇ ئەشيالارنى ئۆزى ئىشلەپچىقىرىشى شەرتتۇر.

تۈركىيەنىڭ S-400 سېتىۋېلىش قارارىغا ناتونىڭ نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقى كۈتۈلۈۋاتقان بىر ئىش ئىدى. ناتو، S-400 سىستېمىسىنىڭ ئۆز سىستېمىسىغا ماسلاشتۇرۇلۇشىنىمۇ قوبۇل قىلماسلىقى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا، تۈركىيە بۇ سىستېمىنى ناتو سىستېمىسىدىن مۇستەقىل ھالدا، پەقەت ئۆزى تۇرۇۋاتقان جاينى قوغدايدىغان شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بىراق، نۆۋەتتە تۈركىيەنىڭ پۈتكۈل ھاۋا مۇداپىئە خىزمەتلىرى ۋە مۇداپىئە قۇرۇلمىسى ناتو بىلەن ماسلاشتۇرۇلغان ھالەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن، دەسلەپكى قەدەمدە ئېغىر مەسىلىلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئەگەر ناتو بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، تۈركىيەنىڭ بۇ خىل تەڭداش يوللارنى ئىزدىشىدىن بىئاراملىق ھېس قىلسا، رايوندا قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان بىر كۈچ مۇۋازىنىتى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن، تۈركىيەنىڭ ئەندىشىلىرىنى چۈشىنىپ يېتىشى ۋە تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى لازىم.

تۈركىيەگە قوشنا كاۋكازىيە، بالقان رايونى، ئوتتۇرا شەرق دېگەندەك جايلار يېقىنقى بىر ئەسىردە نۇرغۇن توقۇنۇش، كىرىزىس ۋە ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە دۆلەتلەر ئارا ئۇرۇشلارمۇ، ئارىلاش ئۇرۇشلارمۇ بار. تۈركىيە ھازىرمۇ كەڭ كەتكەن بىر رايوندا ھەر خىل تەھدىتلەرگە دۇچ كەلمەكتە؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، بولۇپمۇ 15 – ئىيۇلدىن كېيىنكى مۇساپىدە ئەتراپلىق ۋە ماھىيەتلىك مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك جەھەتتە يېڭىلىنىشنى نىشان قىلماقتا. تۈركىيەنىڭ غەربلىك ئىتتىپاقداشلىرىنىڭمۇ بۇ ئەھۋالنى تونۇپ يېتىپ، ئىتتىپاقداشلىق تەقەززا قىلىدىغان قەدەملەرنى تاشلىشى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كېلەچىكى نۇقتىسىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر