تېررورىزمغا قارشى كۈرەش جەريانىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

بىنگۆلنىڭ گەنچ ناھىيەسى ئەتراپىدا رايوندا داۋاملىشىۋاتقان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە چارلاش ئېلىپ بېرىش پائالىيەتلىرى جەريانىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.

تېررورىزمغا قارشى كۈرەش جەريانىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك لىق تېررورىستلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 1 ئەسكەر شېھىت بولدى، 1 ى يارىلاندى.

ھاققارىنىڭ شەمدىنلى ناھىيەسى قاراداغ لاتەدەم تەپە رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدىمۇ ئۈچ تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلدى. بۇ ئارىلىقتا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك غا قارشى شىرناق، ھاققارى ۋە ماردىندە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 32 تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلدى، تېررورىستلار ئىشلەتكەن پاناھ جايلار، غارلار ۋە قورال - ياراغ ئىسكىلاتلىرى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي مەنبەلىرىدىن بىرى بولغان زەھەر سودىسى ۋە ئەتكەسچىلىككە قارشى كۈرەش دائىرىسىدە 346 كىلوگرام زەھەر، 6 مىليون 726 مىڭ 102 قاپ تاماكا ۋە 90 مىڭ لېتىر يېقىلغۇ قولغا كەلتۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر